تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» نىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەنسىزلىككە چۆمدۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار 10 ئاپتوبۇس بىلەن ئەنقەرەگە كېلىپ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئايالى ۋە ئانىسى «تەربىيەلەش لاگېرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئابدۇراخمان ھەسەنمۇ بار ئىدى. ئۇ، «ئانام ۋە بالا-چاقىلىرىم نەدە؟» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، زالنىڭ چوڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا تۇردى، بۇلاردىن سىرت ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە تەييارلانغان ۋاراقچىلاردىن 700 پارچە تارقاتتى. مەزكۇر پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، قۇرۇلتايغا ئىستانبۇل، ئەنقەرە، كاستومۇنۇ ۋە كونيا دېگەن جايلاردىن كەلگەن 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتايغا كۆپ ساندا مىنىستىر ۋە پارتىيە رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

بىز پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن ئەنۋەر قاراقاش، قولىدىكى لوزۇنكىلار بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن ئابدۇراخمان ھەسەن ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا دىككاتلى ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

مۇستافا دىككاتلى ئەپەندى كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان، تېلېۋىزىيەلەر نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقان قۇرۇلتايغا كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيەلەر نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقان بىر قۇرۇلتايغا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا زالغا كىردى. قۇرۇلتاي ئەھلى، ھەممە كىشى كۆردى. ئۇلار تۈركلەر بىلەن بىر دوستلۇق ئورناتتى، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر پائالىيەت بىلدى.»

ئىستانبۇلدىن ئۇيغۇرلارغا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرىدىن ئەنۋەر قاراقاش ئەپەندى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا 500 ئۇيغۇرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىن زالىنى كۆك بايراقلار بىلەن بېزىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت يارىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر قۇرۇلتايغا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن 10 مىڭ ئەتراپىدا ۋەكىل ۋە ئامما ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن زالىنى قاپلىغان كۆك بايراقلارنى كۆرگەن پارتىيەنىڭ رەئىسى دۆلەت باغچەلى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەندە «قەشقەرگە سالام يوللايمەن!» دېدى. ئەنۋەر قاراقاش ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

ئەنۋەر قاراقاش ئەپەندى قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن 3 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، دەردىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ئانىسى ئامىنە مەمەت بىلەن 22 ياشلىق ئايالى تۇنساگۈل نۇرمەمەتنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، بالىلىرىنىڭ ئىگىسىز قالغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قۇرۇلتايغا كەلگەن ئىدى. ئۇ، بۇ يەردە 700 پارچە ۋاراقچە تارقاتقان. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندى ئانىسى ۋە ئايالىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان ۋاراقچىلارنى كۆرگەن تۈركلەرنىڭ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، تۈرك ياشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ۋاراقچى تارقىتىشىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇستافا دىككاتلى ئەپەندى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيە ئىكەنلىكىنى، بۇ پارتىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئىستانبۇلنىڭ ساپاكۆي رايونىدا تۇرۇۋاتقان 100 ئۇيغۇر ئائىلىگە گۆش ۋە ئاشلىق تارقىتىپ بەردۇق. ئىشسىز ئۇيغۇرلارغا ئىش تېپىپ بېرىۋاتىمىز. تۇل ئاياللارغا ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلالايدىغان ئىشلارنى تېپىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇيغۇر ئاياللارغا كۇرس ئېچىپ كەسىپ ئۆگەتمەكچىمىز. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، ھەر دائىم ئۇلارغا ياردەم قىلىمىز».

تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق بۇرۇن پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز ئىدى. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلماقتا. 15- مارت كۈنىمۇ ئىستانبۇلدا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللار قاتناشقان نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇمىغا قاراپ تۇرالماي مەيدانغا چۈشۈپ نارازىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرى بولۇپ، ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى پارتىيە ھېسابلىنىدۇ.