«قېرىنداش زېمىنلار لايىھەسى: شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار، تەتقىقات مەركەزلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى دوكلات بېرىش يىغىنلىرى، يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرى ۋە تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشماقتا. 29-ئاپرېل كۈنى «مۇنەۋۋەرخانا» ناملىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى «قېرىنداش زېمىنلار لايىھەسى: شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى. ئەنقەرەدىكى دىيانەت فوندىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسقا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلدى. ئوقۇغۇچىلار 4 گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ ئوخشىمايدىغان 4 تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى نۆۋەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. 1-گۇرۇپپا «شەرقىي تۈركىستاندىكى دىن ۋە تىل چەكلىمىلىرى» تېمىسىدا، 2-گۇرۇپپا بولسا «شەرقىي تۈركىستاندا توي قانۇنى» تېمىسىدا، 3-، «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى» تېمىسىدا، 4-گۇرۇپپا بولسا «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلار» تېمىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا ھەر گۇرۇپپىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى دوكلات بەردى. يېرىم كۈن داۋاملاشقان كۇرستا ھەر گۇرۇپپىغا بىردىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتنىشىپ ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى توغرىسىدا تۈرك ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بەردى.

«قېرىنداش زېمىنلار لايىھەسى: شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا تەربىيەلەش كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرغان مۇنەۋۋەرخانا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ئايشە بەيزا خانىم بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بېسىم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆگىتىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بىز بۇرۇن بوسنىيە، پەلەستىن توغرىسىدىمۇ ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىر ئىكەن. بۇ ھەقتە ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بېرىش مەقسىتى بىلەن ئاچقان ئىدۇق. ئەڭ مۇھىمى ھەر گۇرۇپپىدا بىردىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆز ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى بەردى. ئەنقەرەگە 700 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئەدىرنە ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. بىز تەربىيەلەش كۇرسى ئۈنۈملۈك بولسۇن دەپ 30 ئوقۇغۇچىنى تەكلىپ قىلىش چەكلىمىسى قويغان ئىدۇق. بۇ ئوقۇغۇچىلار كۇرستىن كېيىن ئۆز ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقچى. مېنىڭچە كۈتكەن مەقسىتىمىزگە يەتتۇق».

بىز كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان سەۋتاپ گۈلەن خانىم ئەنقەرەگە 700 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەدىرنە ۋىلايىتىدىن كەلگەن بولۇپ، كۇرسنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، شۇنچە ئۇزاق يول يۈرۈپ كەلگىنىگە ئەرزىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزىدىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئەدىرنەدىن كەلدىم. ئەتىگەن سائەت 7دە ئەنقەرەگە كەلدىم، سائەت 2 دە كۇرسىمىز باشلاندى. كەلگىنىمگە ئەرزىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەرسە ئۆگەندۇق. كۆپ قىممەتلىك كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇم، خۇدا بۇيرۇسا بۇ يەردە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى باشقا كىشىلەرگە ئاڭلىتىمىز».

كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان يەلدا قاراقاش خانىم كۇرستا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۇرس مەن ۋە باشقا ساۋاقداشلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولدى. چۈنكى بىز شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى بىلەتتۇق. ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇماتىمىز يوق ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلار تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ بۇ مەلۇماتلارنىڭ كۆپى كونا بولغاچقا ھازىرقى ۋەزىيەتنى بىلەلمەي تۇراتتۇق. بۇ كۇرستا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق».

كۇرس ئەھلى 4 گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، ھەر گۇرۇپپىدا بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئورۇن ئالغان، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى ئەنۋەر ئاقسۇ پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنۋەر ئاقسۇ ئەپەندى كۇرسنىڭ ۋاقتى بىرئاز قىسقا بولغان بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ، تەييارلىق قىلىپ يېڭى مەلۇماتلار ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن. ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋەلى، بۇنىڭدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىغا قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋېلى توختى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يولنى يىراق كۆرمەي كېلىپ كۇرسقا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«مۇنەۋۋەرخانا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» رەئىسى يۈسرا سەرۋەر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كۇرستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى دوكلات قىلىپ يېزىپ تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا بېرىدىكەن.