پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان: ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قان-قېرىندىشىمىز

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى 5-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

ئۇ قىلغان سۆزىدە، «دۇنيا مەسىلىلىرى بىر تەرەپتە تۇرسۇن، ھۆكۈمىتىمىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مەسىلىلىرى بىلەنمۇ كارى يوق. پەلەستىن ۋە سۈرىيە ئۈچۈن دۇنيا لىدىرى بولىمەن دەۋاتقان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا قاراپ تۇرماقتا» دېدى.

ئۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا مىنىستىرلار ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا، قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ ساندا ئۇيغۇر تۈرمىگە تاشلاندى ۋە ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ سولاپ سوراققا تارتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق. تۈركىيە ھۆكۈمىتى دىققەت-ئېتىبارىنى شەرقىي تۈركىستانغا بۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز.

پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىشقا تىرىشماقتا. خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36-ماددىسىدا «ھەر بىر خىتاي گراژدانى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان. دىننىڭ شەرتلىرىنى بەجا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشتى دەپ تۇتۇپ كېتىۋېتىپتۇ. شەرقىي تۈركىستان بۈگۈن ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان. بۇ تراگېدىيەنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆرۈشى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندىنىڭ بۇ نۇتقى دۆلەت تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى ۋە تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئورۇن ئالدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى توغرىسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن بولسىمۇ تۈركىيە بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۈرك پارلامېنتىدا تازا كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ مەسىلىنىڭ پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كېلىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ داۋاملىق ھالدا پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ تۈركىيەنىڭ رايونىدا تەسىرى كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.