تۈركىيەنىڭ فوكىس تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەر يەكشەنبە كۈنلىرى يېڭى بۆلۈملىرى تارقىتىلىۋاتقان «جەڭچى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئۇيغۇر ئوفىتسېر كۈرشات كىنىك بۇ تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ 48-بۆلۈمىدە تېررورچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق توقۇنۇشتا ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ ۋە ئۇنىڭ مىيىتىغا تۈركىيە ھەم شەرقىي تۈركىستانىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلىرى يېپىلغان ھالدا داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن دەپنە قىلىنىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش كۆرۈرمەنلەرنى كۈچلۈك تەسىر ۋە ئىنكاس قوزغىدى.
«جەڭچى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدا «قىلىچ ئەترىتى» ناملىق ئالاھىدە ھەربىي قىسىم تېررورچىلارنىڭ ئورۇنلىرىغا بېسىپ كىرىپ باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىش بىلەن تونۇلىدۇ. ئۇيغۇر ئوفىتسېر كۈرشات كىنىك تەيمەنمۇ بۇ قىسىمدا ئورۇن ئالغان ئىدى. فىلىمنىڭ باشتىن ئاخىرقى جەريانىغا قارايدىغان بولساق، فوكىس تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلىۋاتقان مەزكۇر «جەڭچى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدا ئەسلى ئىسمى چاغرى شەنسوي بولغان ئارتىس كۇرشات كىنىك دېگەن ئىسىم بىلەن ئۇيغۇر ئوفىتسېرنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، فىلىمدا كۈرشات كىنىك، شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇ ھەربىي قائىدە-تۈزۈملىرىگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق جازاغا تارتىلىدۇ ۋە ھەربىيلىك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئەسكەرلىك قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ئىز قوغلاپ تۇتۇشقا ماھىر ۋە پارىسچە بىلىدۇ ھەم تۈركىيە-ئىران چېگرا رايونلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى ياخشى بىلىدۇ. فىلىمدا تەسۋىرلىنىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چوڭ دادىسى، ئاتا-ئانىسى يۇرتىنى ئاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ يولغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن چوڭ دادىسى، دادىسى قاتارلىق بىر قانچە كىشى بۇ قىيىن ھىجرەت يولىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. كۇرشات ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ئىرانغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئىگە-چاقىسىز قالىدۇ. ئۇلار تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشنى كۈتۈپ بىر مەزگىل ئىراندا قالىدۇ ۋە كۈرشات پارىسچە ئۆگىنىدۇ. تۈركىيەگە كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن كۇرشاتنىڭ ئانىسى ۋاپات بولىدۇ. ئۇ ئىگە-چاقىسىز يالغۇز قالىدۇ ۋە تىرىشىپ ئوقۇيدۇ ھەم ئاخىرىدا ئەسكەرلىككە كىرىپ ئالاھىدە قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
فىلىمدا تەسۋىرلىنىشىچە، كۈرشات كىنىك ئۇرۇشتا شېھىت بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قوماندانلىرى ۋە سەپداشلىرى قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدا ئۇنىڭ جىنازىسىغا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى يېپىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولغان قىز ئۇنىڭ جىنازىسىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ياپىدۇ ۋە ئۇ ھەدىيە قىلغان چىمەن دوپپىنى جىنازا ئۈستىگە قويىدۇ. كۇرشاتنىڭ سەپداشلىرى ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ھاۋاغا ئۈچ قېتىم ئوق ئاتىدۇ.
جىنازا مۇراسىمىدا ئۇنىڭ قوماندانى ئۇنىڭ ھەققىدە سۆز قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «كۈرشات كىنىك، بالىلىق چېغىدا ئەقىلگە سىغمايدىغان قىيىن بىر سەپەرگە چىقتى. شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قارلىق تاغلارغا، كېسەللىكلەر، قورقۇنچلۇق تاغ-داۋانلارغا، تېررورغا، زۇلۇمغا ۋە تۈرلۈك پالاكەتلەرگە بەرداشلىق بەردى. تۈركىيەگە كەلگەندە ئۇ ھېچ كىمى يوق يالغۇز بالا ئىدى. ئۇ، تىرىشتى، يېرىم ئاچ، يېرىم توق ھالەتتە ئوقۇدى ۋە تۈرك ئارمىيەسىنىڭ شەرەپلىك بىر ئوفىتسېرى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. پۈتكۈل بۇ ئېچىنىشلىق ۋە قاراڭغۇلۇق جەرياندا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان يالغۇز بىرلا نەرسە بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئازادلىققا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىچىدىكى بېسىقتۇرالمايدىغان ئاتەش».
قوماندان سۆزىدە يەنە تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ئىككى چوڭ كىشى يېتىشتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ بىرى ئوسمان باتۇر، يەنە بىرسىنىڭ مۇستاپا كامال ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىستان يېتىشتۈرگەن ئىككى چوڭ جەڭچى، ھەممىمىزگە ئوخشاش ئۇنىڭ (كۇرشاتنىڭ) يولىنىمۇ يورۇتتى. تۈركىستاننىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئوسمان باتۇر، غەرب تەرەپتە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك كەلگۈسىدىمۇ يولىمىزنى يۇرۇتىشىنى داۋام قىلىدۇ. ئاناتولىيە، كەركۇك، قىرىم، ئەزەربەيجان، تراكىيە قان بەرگەن بۇ بايراققا ئەمدى ئوفىتسېر كۇرشاتنىڭ قېنى قېتىلدى. چاناققەلئەلىك مۇراتقا ئوخشاش، ئىستانبۇللۇق بۇراققا ئوخشاش تۈركىستانلىق كۈرشاتمۇ بۇ بايراققا قېنىنى قاتتى».
«جەڭچى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىلگىرىكى قىسمىدىكى ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ چىققان كۈرشات تەيمەننىڭ توي قىلماقچى بولغان سەپدېشى-قىزغا بىر چىمەن دوپپىنى ئانىسىنىڭ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ھەدىيە قىلغان ۋە ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنى-شەرقىي تۈركىستاننى سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلەپ كۆز يېشى تۆككەن كۆرۈنۈشلەر دىققەت تارتقان ئىدى.
بىز بۇ فىلىم توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ھامۇت كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە مىركامىل قەشقىرى بۇ «جەڭچى» ناملىق فىلىمدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ۋە ئۇنىڭدا رول ئالغان ئۇيغۇر توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
0:00 / 0:00