مۇستافا دەستىچى: «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىزگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامى ئاستىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى ۋە مەلۇم ساندا قازاق ھەم باشقىلارنى لاگېرلارغا يىغىپ، مېڭىسىنى يۇيۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە تۈركىيەدە دۆلەت رەئىسلىك سايلىمى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرى تۈگەي دەپ قالدى. ئۇنداقتا 6-ئاينىڭ 24-كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر سايلامدا ئۇتۇپ چىققان سىياسىي پارتىيە ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ياكى پارلامېنتتە ئورۇن ئالغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بارار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى سايلامغا «جۇمھۇر ئىتتىپاقى» نامى ئاستىدا ھازىرقى ھۆكۈمەت بىلەن ئىتتىپاقلىق قۇرۇپ سايلامغا قاتنىشىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«ھۆرمەتلىك مۇستافا دەستىچى ئەپەندى سايلام يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بەكلا ئېغىر. پارتىيەڭىز پارلامېنتقا كىرسە بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە باشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز، دىنداشلىرىمىز بېسىم ئاستىدا ھېيتقا كىرىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەت كۆڭلىمىزنى ئىنتايىن يېرىم قىلماقتا. مەن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ دەردىنى ئورتاقلاشماقچىمەن».
«ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھازىر ئىنتايىن ئېغىر، پارتىيەڭىز ئۇلارغا ئىگە چىقامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇستافا دەستىچى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قۇرۇلغاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. قانداق شەرت-شارائىتتە بولساق بولايلى، مەيلى سايلىنىپ پارلامېنتتا ۋەزىپە ئالايلى، مەيلى ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەيلى-كەلتۈرمەيلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. سايلامدا ئۇتۇپ پارلامېنتقا كىرسەك، بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ بەك چىقىرىمىز.»

«كۆپ ساندىكى تۈركىيە خەلقى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مىللىي مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە، ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلىدىن تارتىپ ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامى ئاستىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ھەتتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈۋېتىلدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ھازىرغىچە تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ھۆكۈمەت خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇ توغرىلىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكى توغرا ئەمەس. تۈركىيەدىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئوڭچى پارتىيەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكچىمەن. بۇنىڭغىمۇ بىز باشلامچىلىق قىلىمىز».

«سىز پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانسىڭىز تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق ھالدا پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويىمىز. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇشقا تىرىشىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇلسا، خىتايغا قارىتا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قارىتا تېخىمۇ تەسىرلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇلار ئەمىللەشسە ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىممۇ ئازىيىدۇ. بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قالغان ھالدا ياشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت».

«بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بۇ قېتىمقى سايلامغا ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن شېرىك قاتناشماقچى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى شۇنداق ئېغىر تۇرۇقلۇق ھۆكۈمەت ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن خىتايغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرمىدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە جىمجىت تۇرۇۋېلىشى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىمىزگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە ئەگەر خىتاي دۆلىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بولسا، خىتايمۇ بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە رىئايە قىلىشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە چوقۇم پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى توختاتمىسا تېخىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈشىمىز، خىتاي ماللىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىمىزدە ناھايىتى زور تەڭپۇڭسىزلىق بار. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە بىز زىيان تارتىۋاتىمىز».

«بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا روزى ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەيمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا مۇستەقىل، ئەركىن ھېيت ئۆتكۈزىدىغان كۈنلەرنى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شەرقىي تۈركىستاندىن ئېچىنىشلىق خەۋەرلەر كېلىشكە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەركىنلىككە ئېرىشكىچە ئۇلارنى قوللايمىز، تۈركىيەدە ئۇلارنىڭ ئاۋازى، يۆلەنچۈكى بولىمىز».

6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى تۈركىيە پارلامېنت سايلىمىغا 8 پارتىيە قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىمۇ مەزكۇر پارتىيەلەردىن بىرىدۇر. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستەچى ئەپەندى دەپ ئۆتكەندەك ئۇ پارلامېنتقا كىرگەن تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلەرمۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ پارتىيە كىچىك پارتىيە بولغاچقا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزەلمىسىمۇ، ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا قارىماي 1998-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقىلى كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ئۇزاق تۇرسا يەنە بەزىلىرى كۆڭۈل بۆلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلام پائالىيەتلىرىدىمۇ بىر قىسىم پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ پارتىيەلىرىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرسا ياكى پارلامېنتتا مۇھىم ئورۇن تۇتسا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشقان ئىدى. ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش خىتابلىرى ھازىرقى ئادالەت تەرەققىيات پارتىيەسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبەرلىرى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاغزىدىنمۇ كۆپلەپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە ئۇلار جىم تۇرۇۋالدى. مىللەتچىلىك پىكرىدىكىلەر ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ھەم پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھەر ۋاقىت پەلەستىنگە، سۈرىيەلىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالدى دېيىشمەكتە. ئەگەر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە پرېزىدېنتلىققا سايلانسا ۋە تۈركىيە پرېزىدېنتلىق سىستېمىدىكى دۆلەتكە ئايلانسا، پارلامېنتنىڭ رولى قانچىلىك بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ مەسىلىلەردە دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى 1993-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مىللەتچىلىك ئىددىيەسىنى تەرغىب قىلىدۇ. 1993-يىلىدىن بۈگۈنگىچە ئىككى قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ئورۇنغا ئىگە ئىدى. گەرچە ئىلگىرى پارلامېنتتا ئىگىلىگەن ئورنى ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئاكتىپلىق بىلەن كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.