سۇلايمان سويلۇنىڭ ۋەدىسىدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقامەت تەستىقلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 15-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا 6 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىسى تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت، يەنى تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىش ئىدى. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلىپى قوبۇل قىلىنىپ تىزىملاش باشلاندى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر سولايمان سويلۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈن ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىگە بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى، كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسى باش مۇدىرى ئابدۇللا ئاياز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئېھتىياجى بار ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سولايمان سويلۇ بىلەن ئۇچرىشىش ۋە تەلەپ سۇنۇشنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىش تەستىقلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرى بىر قانچە مىڭ ئۇيغۇرغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىقامەت 2017-يىلى 1-ئايدىن بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەنلەرگە بېرىلگەن ۋە كېيىن كىرگەنلەرگە بېرىلمىگەن ئىكەن. بۇ قېتىمقى تەستىقلانغان ئىقامەت 2017-يىلى 1-ئايدىن كېيىن تۈركىيىەگە كېلىپ ئىقامەت ئالالمىغانلارنى ئاساس قىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى بىلەن سۆزلىشىش نەتىجىسىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىش تەستىقلاندى. بىراق ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تىزدىن تىزىملىتىشنى سورايمىز.

ئىقامەتكە تىزىملىتىش كېرەك بولغان ئۇيغۇرلار تۆۋەندىكىچە: «‹ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپ رەت قىلىنغانلار›، ‹2017-يىلى 1-ئايدىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئىنسانىي ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئالالمىغانلار›، ‹قولىدا پاسپورت ياكى ساياھەت بەلگىسى يوق چېگرا ئاتلاپ كىرگەنلەر›، ‹تۇغۇت ئىسپاتى يوق، ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە كەلمەي باشقىلار بىلەن كېلىپ، ئاتا -ئانىسىنىڭ ئىسمى ئوخشاشماسلىق سەۋەبىدىن ئىقامەت ئالالمىغانلار› دەرھال تىزىملىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ».

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 15-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە ھېيتلىشىش جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغاندا ئىقامىتى، يەنى تۇرۇشلۇق رۇخسىتى يوق ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە چەتكە قېقىلىپ قالمايدىغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ ئۇلارغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شۇ كۈنكى يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايۇتۇللا ئوغۇزخان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مۇراسىمدا ئۆز قىلغان ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراسىيەسى رەئىسى ئىسمائىل چىنگىزمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رۇخسىتى بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈشى ۋە ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەدە ياشاش ۋە تۇرۇش رۇخسىتى بېرىدىغانلىقى ھەم ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋاقتىدا، يەنى، 15-16-ئىيۇن كۈنلىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشوغلۇ خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى شۇنىڭدەك تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.