تۈركىيە نېمىشقا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايدۇ؟

0:00 / 0:00

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى قوللىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

10-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «يېڭى شەفەق» گېزىتىدە «ئۇزاق ۋەتەن» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى. تاھا قىلىنچ ئەپەندى يازغان بۇ ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پەلەستىن، سۈرىيە، مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەردىكى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ‹نېمىشقا باشقا جايلاردىكى مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمايسىلەر؟ مەسىلەن، نېمىشقا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمايدۇ؟› دېگەنگە ئوخشاش نارازىلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدا سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ئويلاۋاتقان يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، بۇ بىر ھەقىقەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى راست. بەلكىم ‹كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق› بولۇۋاتقاندۇ. . .»

ئوبزورچى تاھا قىلىنچ ئەپەندى ماقالىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈرەكنى ئاغرىتىش دەرىجىسىنى ئىككى ئامىلنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇلارنىڭ بىرى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن «كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق» ئىكەنلىكى بولسا، ئىككىنچىسى ئۇ جايلارنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا باغلىق ئىكەن. ئاپتور ماقالىسىدە تۈركىيەنىڭ تارىختا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولمىغان مىللەتلەرگە نىسبەتەن قىزىقىشىنىڭ ئاجىز، تارىختا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان رايونلار ۋە مىللەتلەرگە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزمەسلىكى مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنغىنىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىش جەھەتتىن يىراقتا بولغانلىقى ۋە تارىختا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا بولۇپ باقمىغان بىر مىللەت بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركلەردە مۇشۇنداق بىر كۆز قاراشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ بۇنداق بىر سىياسىتىنىڭ يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياشلىق چاغلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانبىر سىياسەتچى ئىدى. ئۇ ئىستانبۇلدا شەھەر باشلىقى بولۇپ تۇرغان يىللىرىدا خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك نارازىلىقىغا قارىماستىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئىسمىنى سۇلتان ئەھمەت مەيدانىدىكى بىر باغچىغا بەرگەن ئىدى. «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇ بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن خىتايدىن ئۈمىد كۈتمەكتە. ئۇنداقتا، خىتاي تۈركىيەگە ياردەم بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇڭا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۈركىيەگە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدىكى گېلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇنداقتا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئىستىقبالى نەگە بارىدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىككى يىل بۇرۇن تۈركىيە دۆلەت رەئىسىنىڭ خىزمەت بىناسىدا خىتاينى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى ئېچىلىپ، بۇندىن كېيىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانسا، ئاندىن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كۇتاھيادىكى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بارىش ئادىبەللى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا شۇنچە يىللاردىن بېرى بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭ بۇنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنگىچە تۈرك رەھبەرلەر، زىيالىيلار ۋە يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلدى، ئۇلارنى قوللىدى، ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئاڭلىدى. ئەمما دۆلەت رەھبەرلىرى شەخسى كۆز قارىشى سۈپىتىدە مەلۇم ئىپادىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت نۇقتىسىدىن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىدى. ‹ئۇلار دۆلەتنىڭ سىياسىتى بار، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى بار، شۇڭا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرەلمەيمىز،› دەيدۇ. ئەمما بۇنداق كېتىۋەرمەسلىكى كېرەك، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. مەنچە، بۇنىڭدىن باشقا يول يوق.»