پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قاتتىق ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ پارلامېنت باشلىقى بىنالى يىلدىرىم خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پارلامېنت باشلىقى بىنالى يىلدىرىمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 3-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، سىلەردىن شۇنى سورىماقچىمەن: 15 غەرب دۆلىتى ۋە كانادا خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىگە خەت يېزىپ بۇنىڭ ھېسابىنى خىتايدىن سوراۋاتسا، تۈركىيە ۋە تۈرك ھۆكۈمىتى قەيەردە قالدى؟ «دۇنياۋى لىدىر»، ئاق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى قەيەردە قالدى؟»

ئۇ نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزىنى توختىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ تۈركلەر بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، تۈرك رەھبەرلەرنىڭ ئۇلارنى قوللىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەر تۈرك ۋە مۇسۇلمان، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىنسان، نېمىشقا ئۇلار ئۈچۈن ئاۋازىڭلارنى چىقارمايسىلەر؟ نېمىشقا قورقىسىلەر؟، پارلامېنت باشلىقىغا نېمە بولدى؟ پارلامېنت باشلىقى ھازىر قەيەردە؟ خىتايغا ساياھەت قىلغىلى كەتتىمۇ؟ خىتايدا نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ كۈلۈپ-ئويناپ يۈرىدۇ؟»

ئۇ نۇتقىدا پارلامېنت باشلىقى بىنالى يىلدىرىمنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەن شەرقىي تۈركىستانغا بار، ئۇ يەردە ئېقىۋاتقان قاننى كۆر، خىتايدىن سورا! سىلەردە نەدە ئۇنداق يۈرەك بار؟ خىتاي قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ مەسئۇلىيەت سىلەردە.»

ئىگىلىشىمىزچە بىر ئايدىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىدىكى گۇرۇپپا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردىمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولۇپ، 28-نويابىر كۈنى تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئايدىن سەزگىن ئەپەندىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «باياتىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بىر خاتىپ ئەپەندى خىتايدا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدە توختالدى. دېگەنلىرى ناھايىتى توغرا. بىزمۇ كۆپ قېتىم پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويدۇق. تۈنۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خام چوتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋاقتىمىزدىمۇ بۇ ھەقتە توختالدۇق. ئەپسۇسكى، ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە بىز كۈتكەن جاۋابنى بەرمەيۋاتىدۇ، سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېغىر بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، بۇ ۋەزىيەتنى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ مەسىلىدە ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقان دۆلەت پەقەتلا تۈركىيەدۇر. ھەتتا ئۆتكەندە بۇ مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە بىزنىڭ ئەلچىمىز بىر-ئىككى جۈملە سۆزلا قىلىپ قويدى. مەنچە، بۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەت.»

تۈركىيە پارلامېنتىدا 4 پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بار بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سىرتىدىكى پارتىيەلەر لاگېر مەسىلىسىنى ئەيىبلىدى، تۈرك ھۆكۈمىتىنى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماي، ھازىرغىچە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئاخمەت فارۇق ئۈنسال ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرلارنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىشى ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدۇر. ئەپسۇسكى، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ يېتىم خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا ئاجىز قېلىۋاتىمىز. تۈركىيە دۆلىتىمۇ شۇنداق. ئوڭچى خەلقنىڭ رايى بىلەن سايلىنىپ، 16 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان ئاق پارتىيەسىنىڭ ھازىرغىچە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆپلۈكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۆتكەن ئايدا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ئەپەندى خىتايغا زىيارەت ئېلىپ باردى. ئۇ خىتايدىكى زىيارىتىدە بىر قاتار كۆرۈشۈشلەردە بولدى. پارلامېنت باشلىقى بىنالى يىلدىرىم بولسا بۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ باردى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى تۈپەيلى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.