زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى تۈركىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرە قاراپ پىيادە يولغا چىقتى.
بۇ پىيادە يۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەر-ئايال 12 ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان ئىكەن. ئۇلار ھازىر ئىزمىت شەھىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ساكارىيە شەھىرىگە قاراپ پىيادە يۈرۈشنى داۋام قىلماقتىكەن.
قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن قىزىل رەڭلىك تۈرك بايرىقىنى تەڭ كۆتۈرگەن بۇ گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانى پايتەخت ئەنقەرە ئىكەن. ئۇلار ئەنقەرەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرىدىكەن. ئاندىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىكەن.
بۇلار ئەسلىدە 9 كىشى يولغا چىققان بولۇپ، كېيىن ئۈچ كىشى يولدا قوشۇلۇپ سانى 12 گە يەتكەن ئىكەن. يۈرۈشكە قاتناشقان مۇھەممەد ئىمىن يىگىتئوغلى ئۆزىنىڭ بۇ يۈرۈشكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمغا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسى ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا. بىز بۇ سۈكۈتنى بۇزۇش ئۈچۈن بۇرادەرلەر بىلەن كېلىشىپ پىيادە يۈرۈشكە چىقتۇق. بۇ يۈرۈشنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولىدۇ دېگەن ئۈمىدتە يۈرۈۋاتىمىز.»
مۇھەممەد ئىمىن يىگىتئوغلى ئىزمىتتىن ئۆتۈپ ساكارىيەگە يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىزمىتقا يېتىپ كەلگەندە ئىزمىت شەھەر باشلىقى ئۇلارنى كۈتۈۋېلىپ قارشى ئالغانلىقىنى ۋە مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى شۇنداقلا يولدا ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى قوغداپ بىرگە يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پەرىدە ئىسىملىك ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئايال يۈرۈش جەريانىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەت يۈرۈشكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىم ۋەتەندىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان قوۋم-قېرىنداشلىرىمىز، پەرزەنتلىرىمىز، ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈندۇر. يولدا نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچراشتۇق، تۈرك خەلقى بىزنى ياخشى قوللاۋاتىدۇ، يېتىپ بارغان شەھەرلەردە بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.»
مۇھەممەد ئىسىملىك يەنە بىر پائالىيەتچى يۈرۈش پائالىيىتى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھېچ بىر تەشكىلاتقا تەۋە بولماستىن ئۆز ئالدىمىزغا يولغا چىقتۇق. بىراق ھەرقايسى تەشكىلاتلاردىكى كىشىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى دەپ بىلىمىز، مەيلى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولسۇن، مەيلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسۇن، ئۇلار كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتقان يۈكنى بىزمۇ كۆتۈرۈشۈپ بېرەيلى، قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر ئىش قىلايلى دېگەن چۈشەنچە بويىچە يولغا چىقتۇق. يوللاردا ئۇچرىغان تۈركلەر بىزنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ، بىزمۇ كۆپ يەرلەرگە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ ئاڭلىتىپ يۈردۇق. بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىز تۈرك خەلقىگە بىز ئۇيغۇرلارنى چۈشەندۈرۈشكە ۋاسىتە بولۇۋاتىدۇ، بىزمۇ ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. ئەنقەرەگىچە پىيادە يۈرۈپ بارىمىز. ئۆزىمىزنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقىمىزگە بولۇۋاتقان زۇلۇمنى تەشۋىق قىلىپ، مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىزنى، خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۈرۈۋاتىمىز. تۈرك خەلقى بىزنى بەك قوللىدى، ساقچىلارمۇ بىزنى قوغداپ بىرگە يۈرۈۋاتىدۇ.»
ئائىشە ئىسىملىك يەنە بىر ئايال پائالىيەتچىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ يۈرۈشكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يۈرۈشكە قاتنىشىپ، پىيادە يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەكبەر سابىر ئىسىملىك بىر پائالىيەتچى مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراپ يوق بولۇپ كېتىش گىردابىغا يېقىنلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ ئويغاندۇق ۋە بۇ سەپەرگە ئاتلاندۇق. ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزگە ئازراق بولسىمۇ مەدەت بولسۇن دېگەن ئۈمىد بىلەن يولغا چىقتۇق. بۇ سەپىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى داۋام قىلىۋاتىمىز.»
بۇ گۇرۇپپا ئىزمىت شەھىرىدىن يولغا چىقىپ قارتەپە دېگەن رايونغا يېقىنلاپ كەلگەندە ئىستانبۇلدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھال سوراپ كەلگەن. قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىنىڭ باشچىلىقىدا 11 كىشىلىك بىر ھەيئەت كەلگەن بولۇپ، ئۇلار پىيادە يۈرۈۋاتقانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مەدەت بەرگەن. ئۇلار ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىپ دەم ئالماستىن ئۇدۇل پىيادە يۈرۈۋاتقانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ھال-ئەھۋال سورىغان.
ئارتىق ھاجىم مۇنداق دېدى: «بىز 11 كىشىلىك بىر ھەيئەت قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كەلدۇق. بىز ھازىر دۇنيادا بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىش، مەسلىھەتلىشىش، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى كۆرۈش ۋە تەجرىبە ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلدۇق.»
قىرغىزىستاندىن كەلگەن ھەيئەتتىن ئورۇن ئالغان ئابدۇقېيىم روزى ئىسىملىك كىشى بۇ پىيادە يۈرۈش پائالىيىتى توغرىسىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مۇھىم پائالىيەتنى ئاڭلاپلا يولغا چىقتۇق. ئىستانبۇلغا كېلىپمۇ دەم ئالماستىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدۇق. بۇ بىر زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت. خىتايلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئەشەددىي ھالەتكە يەتتى. بىزنىڭ ئەمدى جىم ياتىدىغان ۋاقتىمىز تۈگىدى. . .»
0:00 / 0:00