فاھرەتتىن يوقۇش «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى» دە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدىكى «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشقا چاقىردى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 14-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن مەتبۇئات باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار مەلۇم بولغىنىدەك بۇ ھەپتە دۈشەنبە كۈنى، يەنى 10-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ئىدى. خىتاي ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي تۈركىي مىللەتتىن يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى يەرلەرگە سولاپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان ھۆكۈمەتنى ئويغىتىش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدىم. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى سىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتماقچىمەن».

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق تۈركلىرى، خىتاي ‹تەربىيەلەش كۇرسى› دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىدا ئىڭرىماقتا. مەزكۇر لاگېرلاردا ھەر كۈن ئونلىغان ئادەم شېھىت بولماقتا. بۇ لاگېرلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرى، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن. خىتاي ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزنى ‹ئىدىيەسىدە چاتاق بار› دەپ جازالىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلىرىمىزغا تېررورچى مۇئامىلىسى قىلماقتا».

ئۇ، باياناتىدا 2018-يىلى ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ «لاگېرلار» توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەر خىتايغا قايتۇرۇلمىسۇن. ئىككىنچى، پاناھلانغۇچىلارغا ئىقامەت بېرىلسۇن. ئۈچىنچى، قىسقا مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلسۇن. تۆتىنچى، پاناھلانغۇچى بالىلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلسۇن. بەشىنچى، خىتايدىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلار ھەرگىز خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمىسۇن، چۈنكى قايتۇرۇلغانلار ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بېسىم يېرى بولغان ‹جازا لاگېرلىرى› غا ئەۋەتىلىدۇ».

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا ھازىر تۈركىيەدە 3 مىليون 475 مىڭ ئەتراپىدا سۈرىيەلىك بار بولۇپ، ئۇلار خالىغان ۋاقتىدا تۈركىيەگە كېلىپ-كېتەلەيدىكەن. ئۇيغۇرلار بولسا تۈركىيە چېگراسىدىن كىرىشتە زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئىگىلىشىمىزچە ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مالايسىيادىن كەلگەن 11 ئۇيغۇر تېخى قويۇپ بېرىلمىگەن. فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر دۆلىتىمىزگە خالىغانچە كىرىپ چىقىۋاتقان، بارلىق ھەق ۋە ھوقۇقلىرى بېرىلگەن بۈگۈنكى كۈندە ئىران بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ھازىرقى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى، نېمە سەۋەبتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە ‹ئىيى› پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلەپ ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. پاناھلىق تىلىگۈچى قېرىنداشلىرىمىزغا ھەق-ھوقۇقىنى بەرمىگەن ھۆكۈمىتىمىز بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز».

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇشنىڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بولغان «TRT 3» قانىلىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. بايانات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر مۇخبىرنىڭ: «سىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدىڭىز، بۇ ھەقتە تۈركىيە كونكرېت نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«تۈركىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى جەھەتتىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. 15 دۆلەتنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى خىتايغا بۇ توغرىلىق خەت يېزىپ سوراۋاتقان تۇرسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ‹جازا لاگېرلىرىنى› تاقىۋەت دەۋاتقان تۇرسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى كېرەك. تۈركىيە بۇ ھەقتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك».

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىدا تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھوقۇقلىرى كومىتېتىغا ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن ئىنسان ھوقۇقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مەن. مەن ئىنسان ھوقۇقلىرى كومىتېتىغا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەيئەت ئەۋەتىلسۇن دەپ ئىلتىماس سۇندۇم، شۇنداقلا مەن تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزاسىمەن. مەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ كومىتېتقا ئەزا بولدۇم. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىش بار. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداۋاتىدۇ، بىز نېمىشقا قوغدىمايلى؟. سۈرىيەلىكلەر خالىغانچە كېلىپ-كېتىۋاتىدۇ. سۈرىيەلىكلەرنىڭ بۇنداق بىر ھەق ۋە ھوقۇقى يوق. ئەمما دۆلەت رەئىسىمىز بۇ ئىش مۇشۇنداق بولىدۇ دەۋاتىدۇ. سېنىڭ دۆلىتىڭگە پاناھلىق تىلىگەن ئىراندىن كەلگەن تۈركلەرنى، ئۇيغۇرلارنى ئايرودرومدىن كىرگۈزمەيسەن، دۇنيادا بۇنداق بىر ئىش يوق. پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرگە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەك».

تۈركىيە پارلامېنتىدا 4 پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بار بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن باشقا پارتىيەلەر «لاگېر مەسىلىسىنى» ئەيىبلىدى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى. بىراق ھۆكۈمەت ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماي، ھازىرغىچە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 4-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆزلەپ، «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.