تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسى رەت قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.12.27
iyi-partiyesi-parlamenqa-sunghan-Uyghurlar-toghrisidiki-teklip-lahiyesi.jpg ئىيى پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى لايىھەسى.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر گۇرۇپپا قۇرۇش ھەققىدىكى بىر تەكلىپ لايىھەسى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان. ئىيى پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتتىكى مەسئۇلى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلى سۇنغان بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغان.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 4 ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن پارلامېنتتا مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان. تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 98-ماددىسىغا، تۈركىيە پارلامېنتى نىزامنامىسىنىڭ 104- ۋە 105-ماددىسىغا ئاساسەن سۇنۇلغان مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى 26-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغان. ھالبۇكى، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشى بىلەن رەت قىلىنغان.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدە يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا سولانغانلىقى، «قوشماق تۇغقان» نامىدا خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە جايلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون ئۇرالمايۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق كىشىنىڭ جان ۋە مال ئەمىنلىكىنىڭ يوقلۇقى بايان قىلىنغان. تەكلىپ لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئىكەنلىكى، تۈرك خەلقى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەلۇمكى، تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسىلا ۋەتەن سىرتىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرك خەلقى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىپ كەلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بويىچە مەخسۇس بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇش تەكلىپى نېمە ئۈچۈن رەت قىلىندى؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنغان ئىيى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇ، مەزكۇر تەكلىپ للايىھەسىنى رەت قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى مەھمەت مۇش ئەپەندى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى ئەرقان ئاقچاي ئەپەندىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.

ياۋۇز ئالىئاغىروغلۇ ئەپەندى ئاق پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بۇ تەكلىپ لاھىيەسىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆكتىچى پارتىيەلەر سۇنغان تەكلىپ لايىھەلىرىنىڭ قانداق تەكلىپ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان تەكلىپ لايىھەنى رەت قىلىندى. بىز ئۇلارغا ‹بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۇنغان تەكلىپ لايىھەمىزنى رەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا سىلەر سۇنۇڭلار، بىز سىلەرنى قوللايلى› دېگەن بولساقمۇ ئۇلار ئۇنىمىدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ، لېكىن ئۇلار ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقان بولغاچقا، ئىتتىپاقداشلىقىمغا زىيان يەتمىسۇن دەپ جىم تۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق يوللار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز.»

بىز ئاق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى مەھمەت مۇش ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كاتىپى مەھمەت مۇش ئەپەندىنىڭ تولىمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 2-3 كۈنگىچە ۋاقتى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، رەت قىلدى.

ئارقىدىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ئەرقان ئاقچاي ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭ كاتىپى دىدەم خانىم بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزنى ئەرقان ئاقچاي ئەپەندىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تېلېفوننى ئۇلاپ بەرمىدى.

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان بىر پارتىيە. مەزكۇر پارتىيە 1969-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاپ كەلگەن. بۇ پارتىيەنىڭ 26-دېكابىر كۈنىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەنى رەت قىلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان پېشقەدەم سىياسەتچى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى رەشات دوغرۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە مەن بىر نەرسە دېمەي، چۈنكى مەن ھازىر سىياسەتنىڭ سىرتىدا. ئەمما شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھازىر شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارىتا ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ زۇلۇمغا ھەر بىر تۈرك چوقۇم قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ بىرقانچە مۇھىم سەۋەبى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ گەرچە مەزكۇر تەكلىپ لايىھە پارلامېنتتا رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا تالاش-تارتىش قىلىنىشىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ھامان بىر كۈنى كۈنتەرتىپتىكى مەسىلە ھالىتىگە ئۆتۈشىگە يول ئاچىدىكەن.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەزاسى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.