تۈرك ساقچىلىرى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى
2019.01.03

تۈرك ساقچىلىرى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر يول قالغاندا قىزىلجاھاممام ناھىيەسىدە توسۇۋېلىپ، ماڭغىلى قويمىدى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان 9 ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىش شۇنداقلا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان بىر پارچە مەكتۇپنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇش ئۈچۈن 15-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ئىدى. بۇلارنىڭ سانى يولدا قوشۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن 60 تىن ئاشتى. 3-يانۋار كۈنى ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر قالغان قىزىلجاھاممام ناھىيەسىدە 20 دەك تۈرك ساقچىسى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىپ، ماڭغىلى قويمىدى.
ساقچىلارنىڭ باشلىقى سەرقان ئەپەندى چوڭ ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەنقەرە ۋالىي مەھكىمىسى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن بۇيرۇق بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ داۋاملىق مېڭىشىغا رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشتىن ۋالىينىڭ ۋە ئالىي رەھبەرلەرنىڭ خەۋىرى بار. بىز سىلەرنىڭ داۋاملىق مېڭىشىڭلارغا رۇخسەت قىلمايمىز. سىلەر ئۈچۈن ئاپتوبۇسمۇ ئېلىپ كەلدۇق، ئاپتوبۇسىغا چىقىپ كېتىسىلەر.»
ئەنقەرەدىن كېلىپ يول توسۇۋالغان ساقچىلارنىڭ مەسئۇلى سەرقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى رۇخسەت ئېلىپ مەتبۇئات باياناتى بېرىش ئارقىلىق تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دەردىڭلارنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ خىل مېڭىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. سىلەر بۇ دەردىڭلارنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش ئارقىلىق ئاڭلاتساڭلار بولىدۇ. سىلەر ئاپتوبۇسىغا چىقىڭلار، ۋەكىلىڭلاردىن بىرى ۋالىيلىق مەھكىمىسىگە بېرىپ مەتبۇئات باياناتى بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت ئالسۇن. شۇ رۇخسەت بويىچە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىڭلار.»
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە مېڭىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئېلى ئەكبەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار يىغلاپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۆزلىرى بىۋاسىتە خەت سۇنۇپ ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنقەرەگە پىيادە ماڭغان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئالدىغا بارغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ساقچىلارغا بۇلارنىڭ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ساقچىلار قوبۇل قىلمىدى. فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ يەردە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا بولغاندەك تۈركىيەدىمۇ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكىگە ئوخشاشلا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بار. ئەپسۇسكى، ئەنقەرە ھۆكۈمىتىمىز 20 كۈندىن بۇيان مېڭىپ ئەنقەرەنىڭ قىزىلجاھاممام ناھىيەسىگە كەلگەن كىشىلەرنى ئەمدى كۆردى. ھۆكۈمەت يۈرۈشۈڭلارنى بۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇڭلار دەۋاتىدۇ. ھازىرغىچە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى چىقىپ، سىلەر نېمىشقا مېڭىۋاتىسىلەر؟ دەردىڭلار نېمە دەپ سورىدىمۇ؟ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلغىنى، بۇ كىشىلەر ئىستانبۇلدىن يولغا چىققاندا دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدىغا چىقىپ، ‹دەردىڭىز نېمە› دەپ سورىغان بولسا بۇ ئادەملەر بۇ زىمىستان قىشتا پىيادە يۈرمىگەن بولاتتى. سىلەر دەردىڭلارنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتىسىلەر. ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى كېلىپ سىلەردىن ھال سوراپ، دەردىڭلارنى ئاڭلىغان بولسا، ھۆكۈمەتتىن خەۋەر كۈتۈپ ساقلىغان بولاتتىڭلار.»
«ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى سەرقان ئەپەندى ۋە پىيادە مېڭىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئېلى ئەكبەر ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ يول بويىدا ئېلىپ بارغان 3 سائەتلىك مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرى ئەنقەرەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئەتە جاۋابى كېلىدىكەن. بۇ ھەقتە ئېلى ئەكبەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەلۇمات بەردى.
ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىش كارۋىنى ئەسلىدە 9 كىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يولدا قېتىلغانلار بىلەن ئۇلارنىڭ سان ھازىر 60 قا يەتكەن. پىيادە يۈرۈش كارۋىنىنىڭ يېتەكچىسى ئېلى ئەكبەر ھاجىم بۈگۈن ئاخشام ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قىزىلجاھاممام ناھىيەسىدە قونۇپ، ئەتە ئەنقەرەدىن كېلىدىغان جاۋابنى كۈتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.