تۈركىيەدىكى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى ئىمزا پائالىيىتى باشلىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە چەت 'ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى ئىمزا يىغىش دولقۇنى قوزغىدى. «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى مەمەت ئۆزنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پائالىيەتكە «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزى ۋە 81 ۋىلايەتتىكى شۆبىلىرى ئاۋاز قوشىدىكەن. ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنىڭ شوئارى «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتى دەرھال توختىتىلسۇن!» بولۇپ، مەزكۇر ئىمزا يىغىش پائالىيىتى چەتئەلدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باشلانغان ئىمزا يىغىش دولقۇنىغا ئاساسەن، «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى تەرىپىدىنمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قول قويۇشنى خالىغانلار «تۈرك ئوچاقلىرى» نىڭ تور بېتىگە كىرىپ قول قويسا بولىدىكەن.

خىتاي دۆلىتىنىڭ دەرھال توختىتىشى تەلەپ قىلىنغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكى 7 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. خىتاي دۆلىتى ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ۋە ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولغان «سىياسىي ئۆگىنىش، مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرىنى» تاقىۋەتسۇن.
  2. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان ساياھەت چەكلىمىسى بىلەن چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قويۇلغان يۇرتىغا قايتىش، تۇغقان يوقلاش زىيارىتىگە بېرىشىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن.
  3. چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن، رايوندىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پۇل ئەۋەتىش، پوچتا ئالاقە، تېلېفون ۋە باشقا ئالاقىلەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەر بىكار قىلىنسۇن.
  4. چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار كىشىلەرگە قويۇلغان تەقىب قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەقەللىي ھوقۇقى بولغان خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى بېرىلسۇن.
  5. چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇزاقتا تۇرۇپ كونترول ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش، كۆزىتىش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش سىياسىتى دەرھال بىكار قىلىنسۇن.
  6. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي كومپيۇتېر ۋە يانفونلىرىنى خالىغانچە تەكشۈرۈش سىياسىتىدىن دەرھال ۋاز كەچسۇن.
  7. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە خالىغانچە كىرىپ تەكشۈرۈش، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى تۇغقان بولۇشقا مەجبۇرلاش سىياسىتى دەرھال توختىتىلسۇن.


تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 86 مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت بولۇپ، تۈركلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن قان-قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. ئەنە شۇنداق پىكىردىكىلەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسى، پروفېسسور مەمەت ئۆز ئەپەندى ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى باشلاشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆز ۋەزىپىمىز دەپ بىلىمىز. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم بار، بىز بۇلارنى بىلىمىز. بولۇپمۇ، تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشتە ئېغىر مەسىلە بار. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېغىر بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى قوللاپ، بىزمۇ كىشىلەرنى ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردۇق.»

تۈركىيەدە 105 يىلدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى بۇرۇندىن تارتىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا 8 كىشىنى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى «تۈرك ئوچاقلىرى» نى بۇرۇندىن تارتىپ «بۆلگۈنچىلەرنى قوللىدى» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پروفېسسور مەمەت ئۆز ئەپەندىدىن بۇنى سورىغىنىمىزدا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەگەر، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق ئويلاۋاتقان بولسا تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنى بىلمەيدىكەن. تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى پۈتۈنلەي، پىكرىي، ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈندىلىك سىياسەت بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەپسۇس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشى پۈتۈنلەي خاتا.»

«تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى بۇرۇندىن تارتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەمكارلىشىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «تۈرك ئوچاقلىرى» غا ئوخشاش چوڭ بىر تەشكىلاتنىڭ بۇ ئىمزا يىغىش پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇشىنىڭ خىتايغا قارشى خەلقئارا بېسىم ئىشلىتىشتە ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتتە ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە شۆبىسى بار بولۇپ، ئەزالىرىنىڭ كۆپى زىيالىيلاردىن تەركىب تاپقان، جەمئىيەتتە تەسىرى كۈچلۈك ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.