تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى ئىنكاسلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.01.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Meral-Akshener.jpg تۈركىيە «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالە-ئوبزورلار يېزىلماقتا.

بۇ ماقالىلەردە كوممۇنىست ئىدىيىسىنى ياقلايدىغان دوغۇ پېرىنچەكنىڭ كۆز قارىشىنى نەزەردە تۇتمىغاندا ئۈچ خىل كۆز-قاراش ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىرىنچى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلار ئىنسانىي ۋە ۋىجدانىي مەيداندا تۇرۇپ يېزىۋاتقانلار، ئىككىنچى خىل كۆز-قاراشتىكىلەر بولسا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ سۈنئىي ھالدا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان كىشىلەردۇر. ئۈچىنچى خىلدىكى كىشىلەر بولسا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ يېزىۋاتقانلاردۇر.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، تۈرك خەلقىنىڭ ۋە بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم 8-يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تۈرك خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى چۈشۈرمەي بالدۇرراق خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈرك مىللىتىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرمەڭلار. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى بىزنى ئەنسىرەتمەكتە. خىتايدىن كېلىدىغان بىر نەچچە مىليارد دوللار پۇلنى دەپ مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە دىنداشلىرىمىزنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلار ھامان بىر كۈنى ئاشۇ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزغا ھېساب بېرىدۇ.»

«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارتىيەسىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدە دۇنيا سۈكۈتتە تۇرغان تەقدىردىمۇ «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەمما شۇنى ياخشى بىلىۋېلىڭلاركى، دۇنيا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالسىمۇ، ئەمما ئىيى پارتىيە سۈكۈتتە تۇرمايدۇ. كۆك بايراق ئەركىن لەپىلدىمىگۈچە سۈكۈتتە تۇرمايمىز. لوپنوردا يولۋاسلار ئەركىن يۈگۈرۈپ يۈرمىگۈچە جىم تۇرمايمىز.»

بەزى مىللەتچىلەر، ھەتتا بىر قىسىم دىندار ئوبزورچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەددىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا «ئامېرىكىنىڭ قولى بارلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈشى تۈركىيەدە غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.

تۈركىيەدە بۇنداق كۆز قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن پېنسىيىگە چىققان، ھازىر تور گېزىتلىرىدە ئوبزور يېزىۋاتقان تونۇلغان ئوبزورچى ئوسمان ئوكتاي ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، تۈركىيەدە مۇنداق بىر نەرسە بار. ئىنسانلار ئالىي رەھبەرلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇنداق بىر ئىنكاس كەلسە بەزى ئىنسانلار بۇ مەسىلىگە بىزدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھازىر ئۇنداق بىر ئىنكاس كېلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى رەسىملەرنى ئەۋەتتىم. دۇنيادىكى پۈتۈن مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرىسىلەر، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىشقا سۈكۈتتە تۇرىسىلەر، دەپ خەت يازدىم. ئۇلارمۇ دۆلەت باشلىقىمىزنىڭ ئىنكاسىنى كۈتۈۋاتىدۇ. تۈركىيە خىتايدىن پۇل قەرز ئالىمەن دەپ سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا بولمايدۇ. چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.»
ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيەدە كۆپ خىل ئىنكاسلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، توغرا كۆز قاراشنىڭ ئاستا-ئاستا كۆپ سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقاندەك، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تۈركىيەدە ھەر خىل ئىنكاسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرماي جىم تۇرۇۋالغانلىقىدىن بولغانمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر ھۆكۈمەت ئىنكاس قايتۇرسا قالايمىقانچىلىقنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەدە 2015-يىلى رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن كېيىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بايان قىلدى. 

خىتاي 2013-يىلى قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى دۇنياغا ئېلان قىلغاندىن بېرى تۈركىيەگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولۇپ، تۈركىيە بۇ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈتمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.