تۈركىيەدە «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش كۆپەيمەكتە
2019.01.11

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن ئاڭلىتىلىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيىلەردىمۇ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىشقا باشلىدى.
«جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە تۈرك ئاممىسى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشماقتا. بولۇپمۇ بۇ ماۋزۇ 10-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيەلىرىدىن بىرى «خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسىدە مۇنازىرە تېمىسى بولدى.
1-ئاينىڭ 5-6-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىلدى. مەزكۇر دوكلاتنى ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى بەرگەن.
تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەت ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. زالنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى ۋە تۈرك بايرىقى بىلەن بېزىدۇق. ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بەردى. ۋەكىللىرىمىز ناھايىتى خۇرسەن بولدى. بىزنىڭ ئەزالىرىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق».
ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن پروفېسسور ئابدۇرېشىت قارلۇق ئەپەندى، مەزكۇر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن 1000 ئەتراپىدا ۋەكىلنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئابدۇرېشىت قارلۇق ئەپەندى مائارىپچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان زالنىڭ كۆك بايراق بىلەن بېزەلگەنلىكىنى، ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى 450 مىڭ ئەزاسى بار ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇنىڭ تارمىقىدىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلات. ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق بەرگەن بىر يېرىم سائەتلىك «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا نوختىلىق ھالدا 2016-يىلىدىن كېيىن خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىبلەش سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
كېيىنكى ئايلاردا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خىتاينى ئەيىبلەپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يۈرۈش قىلغان ئەرشىدىن ئەركىن ئەپەندى ھازىرغىچە 38 ئەتراپىدا شەھەر ۋە ناھىيىلەردە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ نامايىش، دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەرشىدىن ئەركىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
10-يانۋار كۈنى ئاخشام تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيەلىرىدىن بىرى بولغان «خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسىدىكى «نەدىر نە دەيىلدىر؟»، يەنى «نېمە؟، نېمە ئەمەس» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چوڭقۇر بىلمەيدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
خابەر تۈرك تېلېۋىزىيەسىدىكى پروگراممىدا مۇتەخەسسىسلەر «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ قانداق مەيدانغا چىققانلىقى، خىتاينىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. «ساباھ» گېزىتى ئوبزورچىسى مەرۋە شەبنەم خانىم كېيىنكى كۈنلەردە تۈركىيەدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكانىڭ قولى بار» دېگەن سۆزدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى، ماۋ دەۋرىدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ماۋ دەۋرىدىن تارتىپ رايوندا قىرغىنچىلىق بار. جازا لاگېرلىرى بار. ئۇلار 2014-يىلىدىن تارتىپ ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىيە كېلىپ بىزنى قۇتۇلدۇرسۇن دېگىنى يوق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھازىر جازا لاگېرلىرىدا بىر مىليون ئەتراپىدا كىشى يېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بولسا بۇ ساننىڭ 3 مىليون ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. مەسىلەن مېنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستۇم بار، ئۈندىداردا ‹خۇدا بۇيرۇسا›، ‹ئاللاھغا ئامانەت بول› دەپ يازالمايدۇ. ماڭا ئۇنى يازساڭ مېنى جازا لاگېرلىرىغا سولايدۇ دەيدۇ. ساقال قويۇش چەكلەنگەن، رومال سېلىش چەكلەنگەن، ‹قېرىنداش ئائىلە› نامى ئاستىدا ئۆيلەرگە خىتايلارنى جايلاشتۇرىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە «ئامېرىكىنىڭ قولى بار» دېمەي بۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز، خىتايغا بۇ مەسىلىنى ئوچۇق-ئاشكارا دېيىشىمىز كېرەك».