تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
2019.01.14

ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇرلار 21 كۈن پىيادە ماڭغاندىن كېيىن ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر قالغاندا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار قايتا ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇلار ئىستانبۇلغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلى ئەكبەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت، 9-يانۋار كۈنى ئەنقەرەگە كېلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، ھىندىستان، مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان بىر پارچە تەلەپ خېتىنى تاپشۇردى.
ئۇلار ئارقىدىن ئەنقەرەگە 265 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كونيا ۋىلايىتىگە بېرىپ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان. 11-يانۋار، يەنى جۈمە كۈنى ئۇلار كونيانىڭ چومرا ناھىيىسىدە نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئېلى ئەكبەر ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەتىسى ئېلى ئەكبەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كونيا شەھىرىنىڭ مەركىزىدە «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىكى ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. شۇ كۈنى ئاخشىمى كونيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئاھدە ۋاپا تۇران بىرلىكى» تەشكىلاتىمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلگەن. ئېلى ئەكبەر ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
بىز كونيا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئاھدە ۋاپا تۇران بىرلىكى» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خارۇن مارال ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، پائالىيەتنىڭ بەك پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز كونيادا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق، بىرىگە 150 ئادەم، ئىككىنچى پائالىيىتىمىزگە 100 ئادەم قاتناشتى. تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. بىز بۇ پائالىيەتلەردىن ئاخىرىدا شۇنداق بىر خۇلاسە چىقاردۇق. بۇنى مەتبۇئات باياناتى شەكلىدە ئېلان قىلدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپى تۆۋەندىكىچە: بىز تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشنىمۇ خالىمايمىز. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلىشىنى ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».
ئېلى ئەكبەر ئەپەندى ئاخىرىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن خەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
پۈتۈن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىدىغان پائالىيەتلەر داۋاملىق ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇنىڭ ھۆكۈمەتكە تەسىرى بولارمۇ؟ تۈركىيە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنكاس قايتۇرارمۇ؟ تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدە سايلام بولىدىغانلىقىنى، سايلام جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى» دە تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاشقا تىرىشماقتا.