سائادەت پارتىيەسى باشلىقى: «تۈركىيە ئۇيغۇر سىياسىتى تۈزۈپ چىقىش كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.02.07
temel-qaramollaoghlu.jpg پېشقەدەم سىياسەتچى، تۈركىيە سائادەت پارتىيەسى باشلىقى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى. 2018-يىلى 7-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

1997-يىلىدىكى «غۇلجا ۋەقەسى» مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ 21-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى مۇھىم سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيەسى باشلىقى تەمەل قاراموللائوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. پېشقەدەم سىياسەتچى، سائادەت پارتىيەسى باشلىقى تەمەل قاراموللائوغلۇ تۈركىيەنىڭ دەرھال ئۇيغۇر سىياسىتى تۈزۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى سىزگىمۇ مەلۇم، بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭىز» نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ زۇلۇم بالدۇرراق ئاخىرلاشسۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزچىللىققا ئىگە تەسىرلىك سىياسەت يۈرگۈزۈش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى يېڭى ئەمەس، خىتاينىڭ سىياسىتىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەت. بۇرۇن كۆپ ساندا ئۇيغۇر يۇرتىنى تاشلاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇلارنىڭ كۆپى تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشتى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى ئۇنتۇمىدۇق.»

تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەسلىدە ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ يوقلۇقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان نەرسە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ يوقلۇقىدۇر. يەنى نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز، تەلىپىمىز نېمە؟ ئۇ يەردە تىنچلىقنى قانداق بەرپا قىلالايمىز؟ خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى قانداق قىلىپ يوق قىلالايمىز؟ بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇنتىزىم تەسىرلىك سىياسەت بەلگىلەپ چىقىشىمىز كېرەك. مېنىڭ كۆز قارىشىم بۇ. بۇ پەقەتلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە مۇشۇنداق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار بار. مەسىلەن مورو مۇسۇلمانلىرى شۇنچە مۇجادىلىدىن كېيىن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشتى. بەزى يەرلەردە ھەل بولمايۋاتىدۇ، مەسىلەن كەشمىر مەسىلىسى. مەن بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

سائادەت پارتىيەسى باشلىقى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ھەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ يەردە بالدۇرراق تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش، خىتاينىڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك، سىلەر نېمە قىلىشىڭلار كېرەك؟ بۇ يەردە تىنچلىقنى قانداق بەرپا قىلالايمىز؟ ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇ تەلەپلەر ئۈچۈن خىتاينى قانداق قايىل قىلىش كېرەك دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر توغرىسىدا باش قاتۇرۇشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. مەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەبرە تىلەيمەن، ئۇلارنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولسۇن دەيمەن.»

«ئۇيغۇر دىيارىدا سىز دېگەندەك بىر تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا سائادەت پارتىيەسى باشلىقى تەمەل قاراموللائوغلۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «پرىنسىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىز سائادەت پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممەيلەننىڭ تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. نەدىن باشلىشىمىز كېرەك؟ دەپ سورىسىڭىز، ھەممە ئىنسان ئۆز دۆلىتىدىن باشلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دۆلەتلىرى بىرلىك قۇرۇپ، دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەۋجۇت مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. كۆڭۈل بۆلمىسە يەنە بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىياسەت بولسا بۇرۇن قىلغان سەۋەنلىكلەرنى تۈزەتكىلى بولىدۇ. بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا سىياسىتىڭ بولمىسا شامال قايسى تەرەپكە چىقسا شۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىپ ھېچ ئىش قىلالمايسەن. ھازىر تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە قاراتقان بىر سىياسىتى يوق. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ بىر سىياسىتىمىز يوق. ئىسلام كونفېرېنسىيەسى تەشكىلاتىنىڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات بېرىپ قويۇش بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇش بىلەن بولمايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە جامائەت پىكىرى توپلاش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشمىسا، سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتەلمىسە يەنە ئۈنۈمى بولمايدۇ».

«سىزنىڭ پارتىيەڭىزنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا، تەمەل قاراموللائوغلۇ مۇنداق جاۋاب بەردى. «بىز سائادەت پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىمىز. پارتىيەمىزنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ئىسلام دۇنياسى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا سىياسەت تۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بىز ئۆكتىچى پارتىيە بولغاچقا سىياسىتىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرەلمىسەكمۇ بۇ سىياسىتىمىزنى ئاڭلىتىمىز. ئەگەر بىز ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتەلىسەك بۇمۇ مۇھىم دەپ قارايمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ھۆكۈمىتىمىزگە ئاڭلىتىمىز».

«خىتاي ئەلچىلىكى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىدۇ. سىزگىمۇ كەلدىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرىگىچە خىتاي ئەلچىسىنىڭ مۇئاۋىنى يىلدا 2 قېتىم مېنى زىيارەت قىلاتتى. خىتاينىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرەتتى، بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەتتى. ئىككى يىل بۇرۇن مەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر رايونىغا 10 يىل ئىچىدە 600 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر بۆلگىسىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە باشلايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. يەنى، خىتاي مەبلەغ سالسا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئىچكى رايونلىرىدىن ئېلىپ كەلسە ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ دەپ ئويلىدىم. مېنىڭچە، خىتاينىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق بېسىم سىياسىتى ماڭا ئىككى يىل بۇرۇن خىتاي دىپلومات دېگەن سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك».

«ھازىر تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچىيىۋاتىدۇ، سائادەت پارتىيەسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز ھۆكۈمەتنى بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇۋاتىمىز. ئەمما ھۆكۈمەت ئۇلار ئۆكتىچى پارتىيە شۇڭا بىزنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. ئەسلىدە ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىزدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن. قىسقىسى شۇنى دېمەكچىمەن، دەسلەپتە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە قويغان ئىدى. تۈركىيەدە ئىچكى قالايمىقانچىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى، شۇنىڭ بىلەن خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىزگە خىتايدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ تۈرك ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بىزدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇلارنى دوكلات شەكلىدە بىزگە سۇنسا ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىمىز. ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ھەر يەردە بايان قىلىمىز. ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەلۋەتتە پارتىيەمىزنىڭمۇ مەسىلىسى. بىز قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ پارلامېنتتىكى ۋاقتىمىزدىمۇ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىمىزدە تۇتتۇق. مەرھۇم لىدىرىمىز نەجمەتتىن ئەرباقان پارلامېنتتا كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى».

سائادەت پارتىيەسى باشلىقى تەمەل قاراموللائوغلۇ ئەپەندى دېگەندەك مەزكۇر پارتىيە راستىنلا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتەلەرمۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سائادەت پارتىيەسىنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە بىلەن ئوخشاش ئىدىيەدىكى پارتىيە ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى، بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان سىياسىي پارتىيە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سائادەت پارتىيەسى 1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيەسىنىڭ داۋامى بولۇپ، 1995-يىلىدىكى سايلامدا بىرىنچى پارتىيە بولۇپ سايلىنىپ، توغرا يول پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرۇپ تۈركىيەنى باشقۇرغان. ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەدە ئىقتىسادىي بوھران بولۇپ، بالدۇر سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، ھۆكۈمەتتىن چۈشۈپ كەتكەن، لېكىن، پارلامېنتتا ئۆكتىچى پارتىيە بولۇپ قالغان. 2002-يىلى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى كۆپ ساندا كىشى مەزكۇر پارتىيەدىن ئايرىلىپ ھازىرقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى قۇرغان. 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 34% رەي ئېلىپ ھۆكۈمەت قۇرغاندىن تارتىپ سائادەت پارتىيەسى پارلامېنتقا كىرەلمىگەن. تۈركىيەدە سىياسىي پارتىيەلەر پارلامېنتقا كىرىش ئۈچۈن 10% رەي ئېلىشى لازىم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.