يېقىندىن بۇيان تۈركىيە خەلقى يىغىن، نامايىش ۋە كۆرگەزمە ئېچىش دېگەندەك ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئاۋازىنى ئاڭلاتماقتا.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ جانلانماقتا. تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تۈركىيەنىڭ «يېڭى شەپەق»، «يېڭى چاغ»، «يېڭى ئاكت» ۋە «قارار» قاتارلىق گېزىتلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا.
«قانال 24» تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارقىتىلغان پروگراممىدا سۆز قىلغان ئانالىزچى ئابدۇللاھ چېفتچى ئەپەندى خىتايغا ماھىل بىر قىسىم تۈرك مۇخبىرلار ئارقىلىق تارقىتىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى تۈرك مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ تۈركىيەدىكى بۇنداق يوشۇرۇن پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلارغا قامىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ «يېڭى يىپەك يولى پىلانى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قاماۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تىنچىتماي تۇرۇپ، ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى مول بىر جاي. خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ‹تېررورچى› دەپ قارىلاپ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن باستۇرۇپ يوقىتىشنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. يەرلىك ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. كىچىك بالىلارنى يىغىۋېلىپ، مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي رايوندا ئۇيغۇر تۈركلىرىنى يوق قىلىش ۋە رايوننىڭ چېگراسىنى قاتتىق قامال قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە ئابدۇرېھىم ھېيت مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ مەسىلىدە تۈركىيەگە قۇرغان تۇزاقلىرىنىڭ ئاقمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئانالىزچى ئابدۇللاھ چېفىتچى ئەپەندى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىدا ئىستانبۇل 3-كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئەگەر تۈركىيە خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا يول بەرمىسە خىتاينىڭ ياۋروپاغا سوزۇلغان قورۇقلۇق يولى ئېچىش پىلانىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللاھ چېفتچى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر تۈركىيە بۇ جەھەتتە چىڭ تۇرسا خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› پىلانى خىتاي ئۈچۈن بەك مۇھىم، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمايدىغان بولسا، خىتاينىڭ بۇ پىلان ئۈچۈن سالغان غايەت زور مەبلىغى ۋە دەسمايىسى بىكار كېتىدۇ.»
«يېڭى چاغ» گېزىتىنىڭ 17-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىختىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئەڭ كۆپ مەدەنىيەت ياراتقان قەدىمىي تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرى ۋە تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى توغرىسىدا مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: «بۈگۈن ئۇيغۇر دەپ تونۇلغان تۈركلەرنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش بىلەن بىرلىكتە قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلارنىڭمۇ ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي تىلىنىڭ تۇنجى سېلىشتۇرما لۇغىتى بولغان ‹دىۋان لۇغەت تۈرك› نىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرى شەرقىي تۈركىستانلىق ئىدى. تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيەت دەستۇرى بولغان ‹قۇتادغۇ بىلىك› نىمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1070-يىلى قەشقەردە يازغان ئىدى. تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا تۈرتكە بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دۆلىتىنىڭ پايتەختىمۇ قەشقەر ئىدى.»
ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تارىختىكى ئاشۇ مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىليونى ھازىر ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› نامىدىكى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە قامالدى. زىيالىيلىرى تەقىب نىشانىغا ئايلاندى. خىتايلار تەرىپىدىن دۆلەت دەرىجىلىك سەنئەتكار دەپ ئۇنۋان بېرىلگەن ئابدۇرېھىم ھېيتمۇ تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. خىتايلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ سىن كۆرۈنۈشىدە ئۇنىڭ ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.»
يازغۇچى ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيا ئۈچۈنمۇ چوڭ بىر تەھدىت بولغان خىتاي ھازىر ئۇيغۇر تۈركلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىشنىڭ زامانى كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر.»
«يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ 21-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا ئىبراھىم قاراگۈلنىڭ تۈركىستاننىڭ «شەرق چېگراسىنى قوغداش» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تۇتۇشىدىغان چېگرالىرىدا «بۈيۈك ئويۇن» لارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«قانال-26» ناملىق يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «تارىختىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق پروگراممىغا قاتناشقان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى ئەسكىشەھەر شۆبىسىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور نەدىم ئۈنال ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.
پروفېسسور نەدىم ئۈنال ئەپەندى مەزكۇر پروگراممىدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا تۈركىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە خىتايغا بېسىم قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيە قولدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىشى كېرەك. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىشى كېرەك.»
تۈركىيەنىڭ «دىرىلىش پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 20-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى» دېگەن تېمىدا بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوكتور ۋارىس چاكان زىيارەت قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا بىر قانچە قېتىم دۆلەت قۇرغان خەلق ئىكەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە يەنە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكتور ۋارىس چاكان مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى زور بىر ئىمپېرىئالىست ۋە جاھانگىر كۈچ بولۇش ئارزۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئۆتكىلىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.»
تۈركىيەنىڭ مەتبۇئات ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جانلىنىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئۆزىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلدى.