تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.03.14
abulxemit-qaraxan-sozde.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى «تۇران بىرلىكى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان كونيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تۇران بىرلىكى» تەشكىلاتى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىنغا كونيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، بەزى ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 200 دەك كىشى قاتناشقان.

بىز دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «تۇران بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھارۇن مارال ئەپەندى بىلەن مەزكۇر يىغىندا دوكلات بەرگۈچى شەخس - ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يىغىن كىشىلەرنىڭ مەسىلىگە بولغان قىزىقىشى جەھەتتىن ئۈنۈملۈك بولغان.

ھارۇن مارال ئەپەندى يىغىننىڭ تولىمۇ ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يىغىن بەك ياخشى ئۆتتى. كونيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، كادىرلار، سىياسەتچىلەر ۋە كارخانىچىلاردىن بولۇپ 200 دەك كىشىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا ‹ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟› دېگەن تېمىدا سوئاللار سورىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆگىنىشكە تىرىشتۇق. قىسقىسى، بىز ئۈچۈن پايدىلىق بىر يىغىن بولدى».

كونيا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر ۋىلايەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تۇران بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى كونياغا كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك «بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دېگەن سوئالنى سورىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان «تۇران بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى پاشا قۇلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلات بېرىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئابلىمىت ئەپەندى بىزگە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئاڭلاتتى. دوكلات ئاڭلىغان 200 دەك كىشى گەرچە يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى بىلىپ كەتمەيتتى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلاردىن ‹يىغىن قانداق ئۆتتى؟› دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك بەك ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، بۇرۇندىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.»

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر، ئابلىمىت قاراخان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيەتنى رەسىملىك پاكىتلار بىلەن ئاڭلاتقانلىقىنى، كىشىلەرنى قايىل قىلىش كۈچىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، 9 يىلدىن بېرى كۆپرەك ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى. ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

13-مارت كەچقۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىلكىدە ئاخىرلاشقان. مەلۇمكى، كونيا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەڭ كۆپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋىلايەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.