تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى تىلغا ئالدى

0:00 / 0:00

27-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈركىيەدە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلى «شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر جايدا زۇلۇم بولىدىكەن، تۈركىيە ھەممىسىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ،» دېدى.

يىغىندا مىنىستىر چاۋۇشئوغلى يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز دۇنيانىڭ ئەڭ باي دۆلىتى ئەمەس، ئەمما بىز ئەڭ ئەڭ سېخى دۆلەت. قەيەردە مەزلۇم بولسا، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىۋاتىمىز. دۇنيانىڭ ئەڭ سېخى دۆلىتى ۋە مىللىتى بولۇش ھەر كىمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. دۇنيادا مەزلۇملارنىڭ ئۈمىدى بولۇشمۇ ھەر كىمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا، ئاراقاندا، سومالىدا ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ قەيىرىدە مەزلۇملار بولىدىكەن، بىز ھەممىسىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايمىز.»

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت، دوكتور بورھان سېتى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب بۆلۈمىدە دوكتور بورھان سېتى ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان. ئۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىغا ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورچى» ئەمەسلىكىنى، خىتاي «تېررورچى» دەپ جازا لاگېرغا قاماپ قويغان دادىسىنىڭ 70 ياشلىق بىر دېھقان ئىكەنلىكىنى، 60 ياشلىق ئانىسىنىڭ ئائىلە ئايالى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭغا ئوخشىغان خىتاي تۇتقۇنىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى دوكتور بورھان سېتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەندىشەڭلارنى چۈشىنىمىز ۋە سىلەرنى ھىمايە قىلىمىز. ئەمما خىتايدەك بىر دۆلەت بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىپ ھەل قىلىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. خەلقئارا جامائەت بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىسىنى ئورتاق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىز خىتايغا ئىزچىل ھالدا بىر قانچە تېررورچى سەۋەبىدىن پۈتۈن بىر خەلقنى تېررورچى دەپ قاراش ۋە ئۇلارغا شۇنداق پوزىتسىيەدە بولۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلدۇق. بىر ئائىلىدىن بىر تېررورچى چىقسا، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن پۈتكۈل ئائىلىنى جازا لاگېرىغا يوللاش ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس دەپ كەلدۇق. بىز جۇمھۇر رەئىسىمىز بىلەن خىتايغا بارغاندا ئۇ يەردىكى 35 مىليون مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ قانداق مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى سوراپ كۆرۈشكە تىرىشقان ئىدۇق.»