مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مەتبۇئاتلارنى قاپلىغان بىر پەيتتە، مىسىردىكى قاچ-قاچتىن ساق سالامەت تۈركىيەگە كېلىۋالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىجابىي خەۋەرلەرمۇ كەلمەكتە. بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى قاھىرەدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا تۈركىيەگە كەلگەن مالىك تەخەللۇسى قوللانغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئىستانبۇلدا يەنە بۇرۇنقى ئەزھەردىكى ئىلىملىك ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىدىن ئۆزىنى تەلەيلىك ھېسابلايدىغانلىقى ۋە نۆۋەتتە بۇ مەكتەپ تەمىنلىگەن ياتاق تۇرمۇش ھەم ئوقۇش شارائىتىدا ئۆزىگە ئوخشاش باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ، بىخەتەرلىكىدىن، ئەنسىرىمەي، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ ئالدى بىلەن تۈرك تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ ئەل ئەزھەردە ئوقۇغان دىنىي ئىلىمنى ئىستانبۇلدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ئىككى نەپەر مەسئۇلىيەتچان دىنىي ئۇستازلارنىڭ مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىكار كەتمىگەن. نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئەتراپىدا يېڭىدىن ئېچىلغان بۇ مەكتەپ مىسىردىن تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەيرلىك بۇ باشلىنىش بولۇپ قالغان. ياتاق ۋە تاماقلىرى ھەقسىز بۇ مەكتەپتە يېقىنقى ئايلاردا مىسىردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون نەچچە نەپىرى قىز ئوقۇغۇچى ۋە بىر قانچە ئائىلىسى بار ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىكەن.
مەكتەپنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئاساسلىق خىزمەتلەرنى قىلغان ئۇستازلارنىڭ بىرى، ئەزھەردە ئوقۇشلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تۈركىيەدە بۇ مەكتەپنى قۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قايتا بىر يەرگە جەم قىلىش جەريانلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەل ئەزھەردىكى ئۇيغۇر ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلارنى نىشان قىلغان مىسىردىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ۋە ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئارقىلىق تەھدىت پەيدا قىلىشى داۋام قىلىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان. مىسىر ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىيۇلدا رەسمىي باشلانغان تۇتقۇن بولسا بۇ بېسىمنىڭ ئەڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقتى، گەرچە ئۇستازلار خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا قول ئۇزارتىشقا باشلىغانلىقىنىڭ شەپىسىنى 2-، 3-ئايلاردا بىلگەن ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى مىسىردا ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە مىسىردا توپلىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىنچ ئۆگىنىش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ بىۋاسىتە قول سېلىپ تۇتقۇن باشلايدىغانلىقىنى قىياس قىلمىغان.»
مىسىردىكى ۋاقتىدا بۇ ئۇستازنىڭ قولىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن 300 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بولۇپ، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇستازلارنىڭمۇ بىر قىسمى تۈركىيەگە كېلىشكە باشلىغان. بۇ ئۇستاز ئۆزىمۇ، 4-ئايدا تۈركىيە كەلگەن ئىكەن. بۇ ئۇستاز يەنە ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە كېلىش بىلەنلا تۈركىيەگە كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غېمىنى قىلىشقا باشلىغانلىقى بولۇپمۇ ئۆيىدىن كىچىك ئايرىلغان بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىدىيە جەھەتتە بىر قەدەر يېتىلمىگەن بۇ ياشلارنىڭ، تېڭىرقاپ خاتا يوللارغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ئۇستازلىق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىمىز دەپ تونۇغان باشقا ئۇستازلار بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ساخاۋەتچى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ياردىمىدە ھازىرقىدەك شەرتلىك ۋە ۋاقىتلىق شارائىتقا ئىگە بولسىمۇ، يۈزدىن ئارتۇق ياردەمگە ۋە يېتەكلەشكە موھتاج ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى يەنە بىر يەرگە توپلايدىغان شارائىتنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.
ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ھازىر بۇ مەكتەپتە تۈرك تىلى دەرسىدىن باشقا يەنە دىنىي ئىلىملەر تولۇقلاپ ئۈگىتىلىۋاتقان بولۇپ، يەنە قەدەممۇ-قەدەم ھالدا باشقا پەن-تېخنىكا ئىلىملىرىدىنمۇ خاتىرجەم ئىلىم تەھسىل قىلىش شارائىتلىرىنى ھازىرلاشنى نىشان قىلماقتا ئىكەن.
مەزكۇر ئۇستاز يەنە ئوقۇغۇچىلاردىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى قايتا تۇرغۇزۇش، مىسىردىكى ئىمكانىيەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغىنىدەك تۈركىيەدىمۇ بۇ ئىمكانىيەتلەردىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكتەپنىڭ ئورنى ۋە ئۇستازلارنىڭ نام شەرىپىنى، ئاخباراتتىن ۋاقتىنچە يوشۇرۇپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ ئۇستازنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەكتەپتىكى ئۇستازلارنىڭ ۋەزىپىسى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ۋەھىمىسى بىلەن مىسىردىكى ئۇقۇشلىرىنى تاشلاپ تۈركىيەگە كېلىۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قۇچاق ئېچىش ۋە ئۈمىد ھەم تەسەللى بېرىشتىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدەك ئۇيغۇرلار بىلەن تىل پەرقى چوڭ بولمىغان بۇ دۆلەتتە ئۆزلىرىدىكى ئىلىم ۋە قابىلىيەتنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە ئەھمىيەتلىك كۈچ ۋە بىلىم تارقىتىشقا يېتەكلەش ھەمدە تۈركىيە جەمئىيىتىگە ۋە ئۆزىگە پايدىلىق كەسىپلەردە بىلىم ئىگىلەش شارائىتلىرىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىكەن.