تۈركىيە ئەسكىشەھەردە ئېچىلغان تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.11.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkiye-eskisheher-turk-uyghur-mediniyet-305.png تۈركىيە ئەسكىشەھەردە ئېچىلغان تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنى
RFA/Arslan

2013 - يىلى تۈركىيىنىڭ ئەسكىشەھەر تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت مەركىزى دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەسكىشەھەردە تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت ۋە تارىخلىرى توغرىسىدا ھەر خىل يىغىن، مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2013 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە 8 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت مىراسلىرى دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى ئاتاتۈرك تىل - تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئىدارىسى تەرىپىدىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ بۇ يىل 8 قېتىملىقى ئەسكىشەھەردە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى ھۆسەيىن چېلىك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى مۇستافا ئىسەن، ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ يۇقىرى قاتلام ئىدارىسى رەئىسى پروفېسسۇر دەريا ئۆرس، ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى پروفېسسۇر تۇران قاراتاش، ئەسكى شەھەر ۋالىيىسى گۈنگۈر ئازەم تۇنا قاتارلىق رەھبەرلەر تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى مۇستافا ئىسەن سۆزدە
يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى مۇستافا ئىسەن سۆزدە

تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسەيىن چېلىك، كىشىلىك ئوخشاشماسلىقلار بىر - بىرىنىڭ بۇغىزىنى سىقىشقا سەۋەب بولمىغانغا ئوخشاش، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئوخشاشماسلىقىمۇ ئۇرۇش قىلىشقا يول ئاچمايدۇ. ئوخشاشماسلىقلار ھاياتقا رەڭ قوشىدۇ، ھاياتقا مەنىۋىي بايلىق بولىدۇ، تالاش - تارتىش قىلماستىن دۇنيا بىلەن كېلىشىپ ياشاش كېرەك. پەن - تېخنىكا بىلەن ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا ماسلاشمىغان تەقدىردە دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قالىمىز، دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش سېكرىتارى مۇستافا ئىسەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى دەپ قاراش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت مىراسىنى جانلاندۇرۇش، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىدىكى تىنچلىق ۋە مەدەنىيەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان ساغلام دىئالوگ ئۈچۈن كېرەك دەپ قاراش لازىم. تېخىمۇ خۇشاللىق ۋە تىنچلىق ئىچىدە بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ھازىرقى ئىمكان ۋە پۇرسەتلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارغا مىراس قالدۇرۇش كېرەك.

ئەسكىشەھەر ۋالىيىسى گۈنگۈر ئازىم تۇنا بۇ قۇرۇلتاينىڭ پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى ۋە ئىنسانىيەتنى، ياخشىلىققا، گۈزەللىككە، تىنچلىققا چاقىرىق قىلغان مەنىۋىي ئالىملار يېتىشىپ چىققان ئەسكىشەھەردە ئېچىلىشىدىن خۇشال ۋە مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ يىغىنغا تۈرك دۇنياسىىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 110 دىن ئارتۇق يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئالىملار قاتنىشىپ مەدەنىيەت مىراسلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى سەلىمە كامال خانىم قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن مەدەنىيەتلىرىدىن ئۇيغۇر مىڭ ئۆيلىرى، چىنە ئۇسۇلى ۋە ساماۋار ئۇسۇلى دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر سەنئەت مەدەنىيەتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان سەلىمە كامال خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سەلىمە كامال خانىم سۆز ئۈستىدە
سەلىمە كامال خانىم سۆز ئۈستىدە

سەلىمە خانىم بۇ يىغىندا ئۇيغۇر قەدىمىي مەدەنىيەتلىرىدىن بىر قىسىم مەدەنىيەتلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال بىلەن سۆزلەپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.