تۈرك دۇنياسى ناخشا مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرمۇ قاتنىشىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.12.05
turk-dunyasi-naxsha-musabiqisi-305.png تۈرك دۇنياسى ناخشا مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرمۇ قاتنىشىدۇ
Photo: RFA


2013 - يىلى تۇنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھىر شەھىرىدە تۈرك دۇنياسى ناخشا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ مۇسابىقىگە 20 دۆلەتتىن ناخشىچىلار قاتنىشىدۇ. مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ناخشىچىلار سانى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قاراپ بەلگىلەنگەن. مۇسابىقە ئىككى شاللاش مۇسابىقىسى، بىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن تەركىپ تاپقان.

شاللاش مۇسابىقىلىرى 12 - ئاينىڭ 19 - 21 - كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھەل قىلغۇچ ناخشا مۇسابىقىسى بولسا 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ناخشىچىلارنى شاللاش مۇسابىقىسىگە 20 دۆلەت ناخشىچىسى قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغان 6 سى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن.

بۇ مۇسابىقىنى 2013 - يىلى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنغان ئەسكىشەھىر ۋالىلىقى، خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى، تۈرك مۇزىكا بىرلىكى ۋە ئاناتولىيا ئۈنىۋېرسىتېتى ئورتاق ئويۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقىنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى TRT نەق مەيداندىن تارقىتىدىكەن.

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى نابى ئاۋجى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن بىرى مۇزىكا. شۇڭا ياش - ئۆسمۈرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇنداق بىر ناخشا مۇزىكا مۇسابىقىسىىنىڭ تۈرك دۇنياسى ياشلىرىنىڭ ھېسياتىنى ئىپادىلىشى شۇنداقلا ئۆز - ئارا چۈشىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرك دۇنياسى ئەسكىشەھىرنىمۇ تونۇيدۇ. خۇدا بۇيرىسا بۇندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر پايتەختى بۇ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرغۇسى.

بىز بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىنى ئويۇشتۇرغان تۈركىيە ئەسكىشەھىر ۋالىلىقى خادىمى چىغدەم خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

- 21 - دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسابىقىدە ناخشىچىلار ئۆزلىرى خالىغان بىر ناخشىنى ئوقۇيدۇ. بۇ مۇسابىقە تۈركىيە دۆلەت TRT ئارقىلىق، شۇنداقلا 24 دۆلەتتىن كەلگەن 100 ئەتراپىدا TV قانىلى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. بۇ مۇسابىقە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ زور مۇسابىقىدۇر. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۇسابىقىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

چىغدەم خانىم بۇ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنىڭ ئەسكىشەھىردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، كېيىنكىلىرىنىڭ قايسى شەھەر تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى ئېلان قىلىنسا، شۇ دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

- تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر پايتەختى ئەسكىشەھىر بولغاچقا ئەسكىشەھىردە بىر قېتىملا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كېيىنكىلىرى كېيىنكى يىللاردا تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر پايتەختى ئېلان قىلىنغان شەھەرلەردە ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ قېتىم ئەسكىشەھىردە ئۆتكۈزىلىدىغان ناخشا مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇش - بولماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بۇ مۇسابىقە ياخشى ئۆتسە، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مۇسابىقە داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايمەن.

مۇسابىقىنىڭ قىسقارتىلغان ئىسمى تۈركۋىزىيون بولۇپ، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ۋە ئاپتونوم رايونلار تۆۋەندىكىچە:

ئالتاي جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجان، باشقۇردىستان، بىلارۇس، بوسنىيە، چۇۋاشىستان، گرۇزىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، قىرىم ئاپتونوم رايونى، شىمالىي سېيپرۇس، ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى، مولداۋا جۇمھۇرىيىتى، ئۆزبەكىستان، رۇسيە، شەرقىي تۈركىستان يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تاتارىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئۇكرائىنا.

بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ناخشىچى ئابدۇللاھ كۆسە ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ مۇسابىقىگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتنىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.