تۆت دۆلەت رەھبىرى ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشقا پۈتۈشتى

0:00 / 0:00

چارشەنبە كۈنى گېرمانىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتلىرى بېلارۇسىيەنىڭ مىنسك شەھىرىدە 16 سائەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن ئاخىرى شەرقىي ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىشى كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا يەنىلا مەزكۇر مىنسك پىلانىغا قارىتا ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلغان.

بۇ، ئۇكرائىنا كرىزىسى يۈز بېرىپ، شەرقىي ئۇكرائىنادا توقۇنۇش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان 9 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ نەتىجىلىك كېلىشىم دەپ قارالدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلىشىم بويىچە ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەر ئۇرۇش لىنىيەلىرىدىن ئېغىر قوراللىرىنى چېكىندۈرۈشكە پۈتۈشكەن ھەمدە 15-فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش قارار قىلىندى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمر پۇتىننىڭ ئۆزى بىۋاسىتە مىنسك شەھىرىدە يۇقىرىدا نامى ئاتالغان ئۈچ دۆلەت رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مۇنداق ئۇرۇش توختىتىشقا رازىلىق بىلدۈرۈپ ئاخىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى دىققەتكە سازاۋەر بولدى. ئەمما، ئامېرىكا ئاق سارايى بۈگۈن پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيىسىنى ئىپادە قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئاق ساراي مىنسك شەھىرىدە سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان ئوخشاش ۋاقىتتا شەرقىي ئۇكرائىنادا يەنىلا ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاكتىپلاشقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بولسا، مەزكۇر كېلىشىمگە قارىتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون «ئەگەر بۇ ھەقىقەتەن ئۇرۇش توختىتىش بولسا بۇنى ئەلۋەتتە قارشى ئېلىش لازىم، بىراق ئاساسلىقى ۋەقە بولۇۋاتقان جايدا نېمە يۈز بېرىۋاتقانلىقى، يەنى ئادەتتىكىدەك گەپلەر قەغەز ئۈستىدە قالماسلىقىدۇر، ۋلادىمىر پۇتىن ئېنىق چۈشىنىشى كېرەك، ئۇ ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئېمبارگولار يەنىلا ئۆز پېتىچە قېلىۋېرىدۇ» دېگەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مىنسك كېلىشىمى ئاشكارا بولۇپ، ھەممە كۆرەلەيدۇ، بىراق ھەر تەرەپ ئۇنى ھەر خىل چۈشەندۈرمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دونېتسك ۋە لۇگانسك رايونلىرىدىكى ئۆزلىرىنى جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلىغان رۇسىيەپەرەس كۈچلەرمۇ بۇ سۈلھىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو مۇخبىرلارغا بەرگەن مەلۇماتىدا بى قېتىمقى سۆھبەتتە «ھېچقانداق ئاپتونومىيە ۋە فېدېراتسىيە ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك چەتئەل قوشۇنلىرىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشى ھەمدە بارلىق گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى 19 كۈن ئىچىدە قويۇپ بېرىشكە پۈتۈشۈلگەنلىنى بىلدۈرگەن.

شەرقىي ئۇكرائىنادىكى 9 ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان ئۇرۇشلار جەريانىدا 5400 ئادەم ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئۇكرائىنادا ۋە غەرب ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچىلەرنى قورال ۋە ئەسكەر كۈچى بىلەن قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمما پۇتىن بۇنى رەت قىلىپ، غەرب بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن ئىدى.

ئۆتكەن جۈمە گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى موسكۋادا پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇكرائىنا كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە چارشەنبە كۈنى مەخسۇس كېلىشىم ھاسىل قىلىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈشكەن شۇنىڭدەك مەزكۇر ئىككى دۆلەت رەھبىرى بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرى ئىكەنلىكىدىن شەپە بەرگەن ئىدى.