قىرىمدىكى بەزى رۇس گۇرۇھلىرىنىڭ ئۇكرائىنا قاراشلىق قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قوشۇۋېلىش ھەرىكىتىگە قارشى تۈركىيەدىكى تاتارلار كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئەنقەرە قىزىلاي مەيدانىدىكى گۈۋەن باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرىم تاتارلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ 1500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
بۇ نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرمۇ قاتناشتى. ئۇلار قوللىرىدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ بايرىقى، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقى ۋە ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، تاتارلارنىڭ ئاتا يۇرتى قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇۋېتىشنى خالىمايمىز، قىرىم تاتارلىرىغا ئەركىنلىك دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، نەق مەيداندا ئىشلەنگەن پروگراممىنى ئاڭلىغايسىز.