ئۇلرىك دېلىيۇس: ئۇيغۇرلار ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىمەكتە

0:00 / 0:00

قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە، 26 - ئاۋغۇست كۈنى يەنە فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىنمۇ يەر ئالدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 16 كىشى دېيىلگەن بولسىمۇ، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ئۇلرىچ دېليۇس ئەپەندى 26 - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، گۇۋاھچىلارنىڭ تىلىدىن ئۆلگەن بىر نەپەر ساقچىدىن سىرت، 26 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ سېرىقبۇيا، لۈكچۈن ۋەقەلىرىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق قانلىق قەتلىئام ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە 26 - ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بايانىدا، بۇ ۋەقەنى خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى گۇۋاھچىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاشكارىلانغانلىقىنى، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قىرىپ تاشلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە، خىتاي مۇستەملىكىسىدىكى ئۇيغۇر ئىلىدا پىچاق كۆتەرگەن ئۇيغۇرنىڭمۇ تېررورچى سانىلىدىغانلىقىنى، ساقال قويغان ئۇيغۇرنىڭمۇ رادىكال كۈچ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ياغلىق چەككەن ئايالنىڭمۇ دىنىي ئەسەبىي كۈچ ئاتىلىدىغانلىقىنى ھەمدە جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى، ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا بەك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە تەرەپسىز بىر تەشكىلاتنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ، بۇ قەتلىئام توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

ئۇلرىك دېلىيۇسنىڭ بايانىدا، يىلقىچى يېزىسىدا قەتلىئامغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئىبادەت قىلىشىنىمۇ چەكلەيدىغانلىقى، ئۇلارنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇمان بىلەن مۇھاسىرىگە ئالغانلىقى ۋە ئاخىرىدا قورشاۋغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قارا قويۇق قىرىپ تاشلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇ يەنە، بۇ خىلدىكى ۋەقەنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا مۇشۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدە كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، 26 - ئاۋغۇست كۈنى گۆتىنگەن ئاخبارات ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئەنە شۇنداق ئۆلتۈرۈش، باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلسا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن د ئۇ ق غا قارىتامۇ زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «جىنايەتچى» دەپ ئاتىغان ئۇيغۇرلارنى قانۇنىي يول بىلەن جازالىماي، نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاشتەك ۋەھشىلىكى ئۈستىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە توختالدى. ئەسقەرجان ئەپەندى ئۆز سۆزىدە، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويىۋاتقان سىياسىتىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ توختالدى.