بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياشلار كومىتېتى كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن ۋىنگىرىيەگە توپلانغان ئىدى.
دەل شۇ كۈنى ئەتىگەندە كومىتېتنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئاگاھىي ۋىنگرىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 11 سائەت سوراق قىلىنغان ۋە 4 سائەتنىڭ ئىچىدە ۋىنگىرىيەدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان. كومىتېتنىڭ يىغىن ئاچماقچى بولغان زالىمۇ قۇلۇپ سېلىنىپ كىرىپ - چىقىش چەكلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە ۋىنگىرىيەدىكى يەرلىك مەتبۇئاتلار ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭمۇ بىردەك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالاقىدار ئورگانلار ئارقىلىق مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈپ، داۋا ئاچقان بولۇپ، نەتىجىدە بۈگۈن ۋىنگىرىيە سوت دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۈمىد ئاگاھىينىڭ ۋىنگىرىيىگە كىرىشىنى چەكلەيدىغان قارارنى بىكار قىلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئىرادە ئۈمىد ئاگاھىي ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. تۆۋەندە سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.
0:00 / 0:00