«پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن چېچېنىيە توقۇنۇشىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى يوق. شۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەل - ئەزھەر مەكتىپىمىزدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتى بىزگە بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى تەقدىم قىلدى.»
ستوككھولمدىكى ئەل - ئەزھەر مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دانىئېل سترىدسمان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن يوقىرىقى سۆزلەرنى تەكىتلىدى.
ئەل - ئەزھەر مەكتىپى بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن شۋېتسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ستوكھولمدا قۇرۇلغان ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرىنى ئاساس قىلغان كۆپ مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇماقتا ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر بۇ مەكتەپتە ستوكھولمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 20 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ مەكتەپ شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى مەيدان مەلۇمات بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەت مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دانىئېل ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن باشلاندى.
دانىئېل ئەپەندى سۆزىدە ئەل - ئەزھەر مەكتىپىدە كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە چۈچەنچە بېرىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر پائالىيەتتە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن «ئۇنتۇلغان ئەل - شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا شىۋېت تىلىدا ئىككى مەيدان دوكلات بەردى. پائالىيەتتىن كېيىن نىجات تۇرغۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۋېتسىيەدە ئولتۇراقلاشقان كۆچمەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ مىللەت ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئەل - ئەزھەر مەكتىپى دەل مۇشۇ خىلدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. نىجات تۇرغۇن بۇ مەكتەپ ھەققىدە يەنە مۇنداق مەلۇماتلارنى بەردى.
ئۇ يەنە ئەل - ئەزھەر مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەپتىدە 4 قېتىمدىن ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل دەرسى ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇتقۇچى چىقارغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئەل - ئەزھەر مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دانىئېل ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىزنىڭ مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شۋېتسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان تۈرلۈك تىللاردا سۆزلىشىدىغان ۋە ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ھازىر مەكتىپىمىزدە تەخمىنەن 20 دەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.»
ئۇ يەنە ئەل - ئەزھەر مەكتىپىدە نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولۇش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنى ئويلاشتۇق. بۇ بىزنىڭ مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈنلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشكىمۇ زۆرۈردۇر.»
0:00 / 0:00