ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 9 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى مۇنبىرى يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىر ھەيئەت ئەۋەتتى. يىغىنغا بۇرسا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەزىز ئەلباش ۋە شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەخمەت ئەر دۈنمەز ئەپەندىلەرنىڭ باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ تارىخى شەھەر بۇرسانى تونۇشتۇردى. يىغىندا يەنە، تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كېيىنكى قېتىملىق يىغىن يەنى 10 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرى يىغىنىغا بۇرسا شەھىرى ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقى قارار قىلىندى ۋە يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرىنىڭ بايرىقى بۇرسا شەھىرىدىن كەلگەن ھەيئەتكە تاپشۇرۇلدى.
يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرى يىغىنى ئاساسلىقى، خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدىن باشلىنىپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر شەھەرلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىپ تۈركىيىگە تۇتىشىدىغان ۋە بۇرسا شەھىرىدە ئاخىرىلىشىدىغان تارىخى يىپەك يولىنىڭ بۈگۈنكى زامانىۋىي دۇنيادىمۇ مۇھىم رولى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇرسا مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەسلىھەتچىسى ئەخمەت ئەردۈنمەز بولسا، بۇرسا مۇزېيلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىق جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ يېڭى تەرەققىياتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. كېيىن يىپەك يولى شەھەرلىرى ھەيئەتلىرى ئۈرۈمچى خىتابنامىسىگە ئىمزا قويدى. ئۈرۈمچى خىتابنامىسىدە، بۇرسا ھەيئىتىنىڭ تەلىپى بويىچە يىپەك يولى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇزىيلار بىرلىكى قۇرۇلۇشى ۋە بۇ بىرلىكنىڭ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ۋاسىتىسى بولۇش تەكلىپى قوبۇل قىلىندى ۋە قارارغا كىرگۈزۈلدى.
يىغىن ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۈرۈمچى خىتابنامىسىنىڭ مەزمۇنى، يىپەك يولى مۇنبىرىنىڭ دۆلەت ۋە شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش، شەھەرلەر ئارا ئۇچۇر، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، سودا - ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنكى زامانىۋىي ھايات بىلەن ماسلىشىشچانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەتنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، يىپەك يولى شەھەرلىرى سۈپىتى بىلەن دۇنيا تىنچلىقىغا ئورتاق ھەسسە قوشۇش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش دېگەنگە ئوخشاش نۇقتىلاردىن ئىبارەت.
يىغىندا ئاساسلىقى ۋەكىللەر بىردەك، يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇن شانلىق تارىخقا ئىگە سودا - مەدەنىيەت مەركىزى بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى، يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ھەر قايسى شەھەر خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەرلەردە، تۈركىيىنىڭ ئانتالىيە شەھىرى بىلەن بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى قېرىنداش شەھەر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى يىغىنى ئۇيغۇر شەھەرلىرىگە قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ تۈركىيە شەھەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەر قانداق بولىدۇ؟ يىپەك يولى شەھەرلەر مۇنبىرىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.
بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە، قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق 28 دۆلەتتىن، شىئەن، قەشقەر، ئالماتا، بىشكەك، بۇرسا قاتارلىق 48 شەھەر باشلىقى ۋە ۋالىيىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ يىغىندا، كېيىنكى قېتىملىق يىغىننىڭ تۈركىيىنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قارارلاشتۇرۇلدى. يىپەك يولى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراق بۇرسا ھەيئىتىگە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن بۇرسا ھەيئىتى يىپەك يولى شەھەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش جەھەتتە يىپەك يولىنىڭ تۈگەنجىسى بولغان بۇرسا شەھەرنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
9 - نۆۋەتلىك دۇنيا يىپەك يولى شەھەرلىرى شەھەر باشلىقلىرى مۇنبىرى، يەر شارىلاشقان دۇنيادا يىپەك يولىنىڭ رولى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ يىغىندا يىپەك يولىنىڭ مەنىۋىي قىممىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىندى.
