ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى 23 - ماي كۈنى تۈركىيىنىڭ، ھۆررىيەت، ساباھ، پوستا، يېڭى شافاك، يېڭى ئاكىت، تۈركىيە گېزىتى، ئوتتۇرا شەرق گېزىتى، مىللىيەت، زامان گېزىتى قاتارلىق 40تىن ئارتۇق گېزىتلەردە، خەۋەر تۈرك، ت ر ت تۈرك، قانال د، ئاخەۋەر قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە قانىلىدا كەڭ تارقالدى.
دۇنياغا مەشھۇر خەلقئارالىق ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگرامما تارقاتقان بولۇپ، پروگراممىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ قارشلىق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى ۋە 2 - ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنى يىل، ئاي، كۈنى بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىدا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ رىياسەتچىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، خۇسۇسەن، دىنىي، مىللىي بېسىم، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئۇيغۇر دىيارىدا 1949 - يىلى 4% پرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي نوپۇسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىنىڭ، بۇ ۋەقەنى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ داۋا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ۋەقەلەرنى ئۇ يەردىكى زۇلۇمغا چىدىيالمىغان كىشىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، سىرتقا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدىغانلىقىنى، ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقا چىقالمايدىغانلىقىنى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە باغلاش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن ئىپادىنى رەت قىلدى.
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان بومبا پارتىلاش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلەردىن خىتاي دائىرلىرىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى يېزىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەسمى تور بېتىدە ۋە ئوخشاشلا ئىستانبۇلدىكى تايىم تۈرك تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلىگەن:
خىتاي ھەر زامان شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇم ۋە بېسىمنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، زۇلۇمغا ھەقسىزلىققا ئۇچىرىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خىتاي ئىشغالچىلىرىغا زەربە بەرمەكتە.
باياناتنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينى بۇ خىل ۋەقەلەردىن ئاگاھلاندۇرىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەر زامان شۇنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ، خىتاي قاتتىق قوللىق قىلىدىكەن، خەلقمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، بېسىم قانچىلىق ئېغىرلاشسا، قارشىلىق شۇنچە كۈچىيىدۇ، خىتاي شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى كۈچ بىلەن قورقۇتۇپ باشقۇرىمەن دەيدىكەن، ئۇنىڭ بىر خام خىيال ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا. ئەگەر خىتاي بۇ خىل پارتلاش ۋە ھۇجۇملارنى توختىتىشنى خالىسا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى بېرىشى، ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، خىتاي ئەسكەرلىرىنى ۋە كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركسىتاندىن چېكىندۈرۈپ كېتىشى كېرەك. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مىللىي مەدەنىيەت ئەركىنلىكى، پەن - مائارىپ ۋە تىل - يېزىق ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەك ھەمدە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ جان ۋە مال - مۈلكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئەمەلدارلىرى، ئەسكەرلىرى ۋە كۆچمەنلىرىنىڭمۇ جان ۋە مال - مۈلك بىخەتەرلىكى بولمايدۇ ھەمدە بۇ خىل پارتلاش ۋە ھۇجۇملار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.
باياناتنىڭ داۋامىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ جاۋابكارى خىتاي دائىرىلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېيىلگەن: بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بەرگەن پۈتۈن پارتلاشتىن ۋە پارتلاش - ھۇجۇملاردا ئۆلگەنلەردىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە خىتاي دۆلىتى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز، چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ خىل شىددەت يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق قوللۇق قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە، خەلقنىڭ مىللي ئىرادىسى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا زۇلۇم ۋە بېسىمنى توختىتىشىقا چاقرىق قىلىمىز.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېيىلىگەن: بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ب د ت، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، خالىغانچە بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىش، سوت ئاچماستىن ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ جان ۋە مال - مۈلك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بىر كۆزىتىش ھەيىئىتى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىمىز.