ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئاكادېمىيەنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.
بۇلاردىن سىرت مەزكۇر ھەيئەت يەنە تۈركىيە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيە پارلامېنتى مائارىپ كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ خېتىنى سۇندى. مەزكۇر ھەيئەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
كېيىنكى يىللاردا، بولۇپمۇ 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەگە كۆپ ساندا ئۇيغۇر كۆچۈپ كەلدى. بۇلار مائارىپ جەھەتتىە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئەنقەرە زىيارىتىدە تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدىكى تەلەپ خېتىنى تاپشۇردى. مەزكۇر تەلەپ خەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئالغان دىپلوملىرىنىڭ تۈركىيەدە قوبۇل قىلىنىشى، تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرگە تىزىملىتىشىغا قۇلايلىق يارىتىلىپ بېرىلىشى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنغان.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 18-يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتايدا ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراپ تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوقۇش ھەققىدىن تولۇق پايدىلىنالىشى كېرەكلىكىنى، «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ بۇنىڭغا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مائارىپ كومىتېتىدىن ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى بىلەنمۇ كۆرۈشىمەن، مەن ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن. بۇ ئىلتىماسىڭلارنى كۆچمەنلەر كومىتېتىغىمۇ بېرىڭلار، ھەل قىلىشقا تىرىشايلى.»
ئارقىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلاتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى بايان قىلىنغان دوكلاتنى سۇندى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ھەل قىلدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خوش كېلىپسىلەر، سىلەرنى پارتىيەمىز مەركىزىدە كۈتۈۋالغانلىقىم ئۈچۈن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. پارتىيەمىزنىڭ ئىشىكى ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئوچۇق. سىز بايان قىلىپ ئۆتكەن قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردارمەن. بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھازىرغىچە قولىمىزدىن كەلگەننى قىلدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ قولىمىزدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەۋاسىلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭمۇ دەۋاسىدۇر. شۇڭا مەن ھەم بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىزگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىپ كەلدىم، بۇندىن كېيىنمۇ ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز.»
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 20 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇماقچى بولغانلارمۇ قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرغاندىن سىرت، 2014-يىلىدىن بۈگۈنگىچە ياخشى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00