ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

0:00 / 0:00


2009 - يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر زىيالىيلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى - زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆزىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىپ، يېڭى باشقۇرۇش ھەيئىتىنى سايلاپ بېكىتى.

23 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئىستامبۇل شەھەردىكى سەفىرەئى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئومۇمىي يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغان 6 يىلدىن بۇيانقى 3 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلانغان بۇ يىغىندا ئاكادېمىيەسى رەئىسى، مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى ئابلەت تۇران ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، نەتىجىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر ئۈستىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.

ئابلەت تۇران ئەپەندى سۆزىدە ئۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى - سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى ئوينىغان رولىنىڭ مۇھىم ۋە مىللىي ۋەزىپىسىنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى مۇنداق دېدى:

يىغىندا تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سايلام تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يېڭى رەئىسى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دېموكراتىك شەكىلدە سايلاپ چىقىلدى. كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ھازىر تۈركىيە تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ ئۆزبېكىستانغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ 3 - نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئەسلىدىكى 5 كىشىلىك ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرى 7 كىشىگە كۆپەيتىلىپ، ئىستانبۇلدىن 5 كىشى، ئەنقەرەدىن 2 كىشى يوشۇرۇن ئاۋاز بىلەن ئاكادېمىيە باشقۇرۇش ھەيئىتى بولۇپ سايلاندى.

يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۈچ كىشىلىك نازارەت ھەيئىتى سايلانغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى باش نازارەتچى بولۇپ سايلاندى.

ئاكادېمىيە رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىللىق پائالىيەت پىلان - لايىھەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئىدارە خىزمەتلەرنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشىدا ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە كەسپىي سەۋىيەدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر ئىككى ئايدا بىر ئاكادېمىك ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئىلمىي ژۇرنال چىقىرىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى بايراملىرىنى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدەك بىر قاتار پائالىيەتلەرنىڭ قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئىدارە خىزمەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇشتىن باشقا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق «تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركچە، تۈركىيەنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - قانۇنلىرى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئىسلام دىنى ساۋاتلىرى بويىچە تەربىيىلەش خىزمىتى»، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتاب تەرجىمە خىزمىتى» ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىتابلاردىن تەركىپ تاپقان «كۈتۈپخانا ۋە ئېلېكترونىك كۈتۈپخانا قۇرۇش خىزمىتى» قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەت لاھىيەلىرىنى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، بۇ پائالىيەت لايىھەلىرىنى تۈركىيە دۆلەت ئورگانلىرىغا سۇنۇش ئارقىلىق، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە خەلقىنىڭ بەرگەن ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن رەئىسلىككە سايلانغان ئابدۇلخەمىد قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىردى.

دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى سايلام، ئاكادېمىيە ئەزالىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد - ئارزۇلىرى بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.