ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىشىش پىكرىنى قوللىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى يىغىن چاقىرىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

مەزكۇر پىكىر 2013 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، نوغاي قاتارلىق خەلقلەر ئۈچۈن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 10 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلەرنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، خىزمەت - پائالىيەتلەردە بىر - بىرى بىلەن ماسلاشمىغانلىقى، ياشلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقى، تۈركىيە ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك سايلاملاردا بىرلىك بولۇپ ئەڭ ئاز بولغاندا، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ياكى شەھەرلىك مەجلىس ئەزالىققا نامزات كۆرسىتىش، بۇ توغرىدا سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىن ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى قازاق تۈركلىرى فوندىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن نەتىجىسىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۆز - ئارا پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىش، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، ياشلارغا ئالاقىدار خىزمەت ئىشلەش، ئوتتۇرا ئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يىغىن ئېچىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، ھېيتلىشىش، مىللىي بايراملارنى تەبرىكلەش، يىغىن، مۇراسىم ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، ئۆز - ئارا پىكىر - ئالماشتۇرۇش، بىر - بىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاش، ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش دېگەنگە ئوخشاش نۇقتىلاردا بىرلىككە كەلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسسا، قازاق تۈركلىرى فوندىنىڭ رەئىسى جالال قەھرىمان قاتارلىق مەسئۇللار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

جالال قەھرىمان ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: قازاق تۈركلىرى ۋەخپىنىڭ قۇرۇلۇشتىكى ئاساسىي مەقسەتلىرىدىن بىرى، قازاق ياشلارنىڭ تۈركىيە شارائىتىدا خاتا يولغا كېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش مەقسەتتە قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، مەن بۇ يىل بۇ ۋەقىپكە رەئىس بولدۇم، رەئىس بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار نېمە ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىرلىشەلمەيدۇ؟ دەپ ئويلايتتىم، بىز قېرىنداشلار ئارا كۆڭۈل رەنجىشلەر گە خاتىمە بېرىپ بىرلىكتە پائالىيەت قىلىش، بىرلىك - باراۋەرلىكىمىزنى، سىرتتىكى ئىنسانلارغا، تۈركىيە خەلقىگە ۋە بىزگە قۇچاق ئاچقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە بىرلىك - باراۋەرلىكىمىزنى كۆرسىتىش مەقسەتتە بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا 10 ئاممىۋى تەشكىلات قاتناشتى، بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى يىغىنلارغا يەنە باشقا جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭمۇ قاتنىشىنى تەلەپ ۋە تەكلىپ قىلىمىز، پۈتۈن - خىزمەت پائالىيەتلەردە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزدىن ئايرىلماسلىقنى ئارزۇ قىلىمەن.

قازاق تۈركلىرى ۋەخپىنىڭ رەئىسى جالال قەھرىمان ئەپەندى بۇ يىغىندا نېمە مەزمۇندا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بىرىنچى نىشانىمىز، ياشلار ۋە ئەۋلادلىرىمىز، ياشلار ۋە ئەۋلادلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايمىز، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قانداق يول ئاچالايمىز؟ بۇنىڭغا ئالاقىدار قانداق خىزمەت - پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز؟ دېگەن سو ئاللاھرغا جاۋاب ئىزدىگەن ئاساستا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. بىز بۇ ھەقتە دىنىمىزغا ئۇيغۇن، مىللىي ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزگە سادىق ھالدا ياشلارنى كەلگۈسىگە يېتەكلەش. تۈركىيەدە 76 مىليون ئىنسان بار، ئەمما بىز ئاز بولساقمۇ بىزنىڭ ئالاھىدە بىر ۋەزىيىتىمىز بار، يەنى بىز شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلدۇق، بىزنىڭ ئەسلىمىز قازاق بولسىمۇ بىز يەنىلا شەرقىي تۈركىستانلىق، بۇنى ئىنكار قىلىدىغانغا ھەددىمىز يوق، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇۋاتقان ئىنسانلارغا نىسبەتەن بىرلىك - باراۋەرلىكىمىزنى كۆرسىتىش، ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىگەن بىرلىك - باراۋەرلىكنى ساقلاپ، 60 يىلدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان زەيتىنبۇرنۇدا بىز ھازىرغىچە باشقۇرۇلغان ئىنسانلار بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە سايلاملارغا قاتنىشىش ئارقىلىق باشقۇرىدىغان پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەم ياشلارغا ھەم ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈلگە بولۇش ۋە كەلگۈسىمىزنى ئۆزگەرتىش مەقسەتتە بۇ يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

قازاق تۈركلىرى ۋەخپىنىڭ رەھبەرلىرى باش مىنىستىر ئەردۇغانغا تون كىيدۈردى

2013 - يىلى 22 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى قازاق تۈركلىرى ۋەخپىنىڭ رەئىسى جالال قەھرىمان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئەنقەرەگە زىيارەتكە باردى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. گۇرۇپپا يىغىنىدىن كېيىن جالال قەھرىمان ئەپەندى باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئەردۇغانغا تون - چاپان ۋە قازاقلارنىڭ باش كىيىمى بولغان قالپاق كىيدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە قازاق تۈركلىرى ۋەخپىنىڭ رەئىسى جالال قەھرىمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، جالال قەھرىمان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز باش مىنىستىرىمىز ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بىر تەلەپ سۇندۇق، بۇ تەلەپكە ئاساسەن بىزنى سەيشەنبە كۈنى پارلامېنتتىكى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىغا دەۋەت قىلدى. بىز بېرىپ يىغىنغا قاتناشتۇق ۋە يىغىن ئاخىرىدا باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن ئۇچراشتۇق، تۈركىيە قازاقىستان بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى كۈچەيتكەنلىكى، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئۈچۈن باش مىنىستىرغا تەشەككۈر ئېيتىپ چاپان كىيدۈردۇق، ھەدىيە تەقدىم قىلدۇق، بىزنىڭ ۋەخپىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە خەلقىمىزنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدىم، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمىدۇق، تەپسىلىي سۆزلىشىش ۋە بىر تۈركۈم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن باشقا بىر زامان ئۇچرىشىدىغانغا ۋەدىلەشتۇق ۋە ئىستانبۇلغا قايتتۇق. كېيىنكى ئۇچرىشىش ۋاقتى كەلگەندە تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

جالال قەھرىمان ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ، ئەينى زاماندا ئىستانبۇلدا ئىمام - خەتىپ يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە ساۋاقداش بولۇپ بىرگە ئوقۇغان ئىكەن.