12 - ئىيۇندا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى خادىملىرىنىڭ گېزىتنىڭ دائىمىي ئاپتورلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ تۈپ مەقسىتى گېزىتنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى ۋە سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشتىن، ئۇنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشتىن، دەرىجىسىنى كۆتىرىشتىن ئىبارەت بولدى. گېزىتنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى، تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئۇيغۇر ئاۋازى» رېداكسىيىسىگە ئۇتۇقلار تىلىدى.
سۆزگە چىققانلار ئارىسىدا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىي، شائىرلار ئابلىز ھېزىم ۋە ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف، ئەلفارابى نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى گۈلبەھرەم خوشايېۋا، يازغۇچى ئالىمجان باۋدىنوف، قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف ۋە باشقىلار بولدى. ئۇلار گېزىتتا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماتېرياللارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە دەرىجىسى، گېزىتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى، جامائەتچىلىكى، ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەر، نەشرىيات ۋە مەتبۇئاتلار، ئىلىم، بىلىم ھەم سەنئەت دەرگاھلىرى، ئىجادىيەتچى زىيالىيلار ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىلىرى، تىل، ئىملا ۋە كادر مەسىلىلىرى، ماقالىلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ۋە باشقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇرنىڭ پەقەتلا خۇشاللىقىنى ئەمەس، ئۇنىڭ دەردىنىمۇ ئېيتساق شۇلاردىن بىرى ئا. قۇتلۇقوف ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئەنە شۇ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە چىنىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاۋازى ھەممىمىز ئۈچۈن سۆيۈملۈك گېزىت. لېكىن بۇ گېزىتىمىز بۇ يەردىكىلەر ئۈچۈن بىر تال. بىز بىر مۇشۇ گېزىتىمىزنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالدۇق. پارتىيىمىزمۇ مۇشۇ، ھۆكۈمىتىمىزمۇ مۇشۇ. بىر ئىش بولسا، مۇشۇ گېزىتىمىگە كېلىپ، ھالىمىزنى ئېيتىمىز. شۇڭا بۇ بىزنىڭ گېزىتىمىز. بۇنى ياخشى قىلىش كېرەك، دېگەن نىيىتىڭلارغا تامامەن قوشۇلىمىز. يېقىندىن بېرى رېداكسىيە خادىملىرى خەلققە يېقىنلىشىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىگە چۆكۈۋاتىدۇ. گېزىتىمىزنى ئۇيغۇر پۇرايدىغان قىلساق! ئۇيغۇرنىڭ پەقەتلا خۇشاللىقىنى ئەمەس، ئۇنىڭ دەردىنىمۇ ئېيتساق. ئۇنىڭ بېشىدا غەم - قايغۇمۇ بارغۇ. ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق نەرسىلەرنى بېرىپ قويساق ئۇتتۇرىدىغان ھېچنەرسە يوق...»
دائىمىي مۇئەللىپلىرىمىز خەلقىمىز قەلبىگە يول ئېچىشقا تىرىشىدۇ
گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە كادر مەسىلىسىنىڭ جىددىي تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كادىر قىسلىقى مەسىلىسىگە كەلسەك، "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىدە، مەسىلەن، ھازىر كادىر مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا تۇرىدۇ. بىزدە بىلىم دەرگاھلىرىدا ژۇرنالىستلارنى تەييارلايدىغان مەخسۇس فاكۇلتېتلىرىمىز يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئومۇمەن مۇشۇ ژۇرنالىستىكىغا قىزىقىۋاتقان ياشلىرىمىزمۇ ئاز. ئەنە شۇ مەقسەتتە مەن تۇراقلىق مۇئەللىپلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بىزنىڭ ياش مۇئەللىپلىرىمىز بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا بىزگە ئونغا يېقىن يىگىت - قىز كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوي - پىكىرلىرىنى ئېيتتى. ھازىر ئۇلارنى رېداكسىيىمىز خادىملىرىغا بېكىتىپ بەردۇق. خادىملىرىمىز ياش مۇخبىرلار بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. كېلەچەكتە شۇ ياش مۇخبىرلىرىمىز ئىچىدىن تاللىنىپ، ياخشى بىر ئۇتۇقلۇق قەلەم تەۋرىتىدىغانلىرى چىقىپ قالسا، بىز ئۇلارنى كۆتىرىپ، ھامىيلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئالىي بىلىم دەرگاھلىرىدا ئوقۇتۇپ، ژۇرنالىستىكا كەسپىنى ئېگىلىشىگە ياردەم قىلىپ، گېزىتىمىزغا يەنە كادىر تەييارلايمىز دېگەن نىيەتتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئەللىپلىرىمىز بىلەن، سىرتتىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش گېزىتىمىز ئۈچۈنمۇ، گېزىتخانلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.»
دائىمىي ئاپتورلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ئاخىرىدا ي. ئەسمەتوف يۇقىرىدا سۆزلەپ كەتكەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ھەم ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى يەكۈنلەپ، مۇنداق ئۇچرىشىشلارنى دائىم ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيىتىگە توختىلىپ، يەنە شۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى گېزىتىمىزنىڭ دائىملىق مۇئەللىپلىرىنى يىغىپ پىكىرلىشىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ھېسابلايمەن، سەۋەبى گېزىتىمىزنىڭ مەزمۇن - ماھىيەت جەھەتتىن بېيىشىدا سىرتتىن يېزىۋاتقان مۇئەللىپلىرىمىزنىڭ رولى ئالاھىدە. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەلۇم سەۋەبلەرگە بىنائەن شۇ مۇئەللىپلىرىمىز بىزدىن يىراقلىشىپ قالغاندەك بولدى. ئەنە شۇلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ، بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە قانداق ئوي - پىكىرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە مۇشۇ باش قوشۇشتا يىغىلىپ ئولتاردۇق. ھەقىقەتەنمۇ دائىملىق مۇئەللىپلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ گېزىتقا قانچىلىك كۆيىنىدىغانلىقىنى، قانچىلىك پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ يىغىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى. مۇئەللىپلىرىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ چىقتىم. ئۇلاردىمۇ ئەھمىيەتلىك، مۇھىم پىكىرلەر بار، دەپ ھېسابلايمەن. ئۇلارمۇ كېلەچەكتە گېزىتقا شۇ ئوي - پىكىرلىرىنى يېزىپ تۇرۇشقا، شۇ ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىگە يول ئېچىشقا تىرىشىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئىشقا سۇس قارىماي، ھەر كىم ئۆز ساھەسى بويىچە گېزىتىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. بۇلار گېزىتخانلارغا پايدىسى تېگىدىغان، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئوي قوزغايدىغان، جەمىيەتلىك پىكىر ھاسىل قىلىدىغان ماقالىلەرنى بېرىپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
0:00 / 0:00