دولقۇن ئەيسا: «جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدە ياۋروپا پارلامېنتىدىن پات ئارىدا خۇشخەۋەر تارقىلىشى مۇمكىن»

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى جىددىي داۋاملاشماقتا.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى بۈگۈن 3-كۈنىگە قەدەم قويدى. ئۇ بۈگۈن بىريۇسسېلدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا 5-سېنتەبىر ئېلىپ بارغان پائالىيىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ باراۋەر ھوقۇقلۇق رەئىسى بولغان 3 نەپەر مۇھىم شەخس بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدە جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تىلغا ئالغان لاستو تۆكەچ، ئىلھان كۈچۈك ۋە تىرىموسا ئەپەندىلەر يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدۇر. ئۇلار د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ يىل 5- ۋە 6-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ كىشىلەر بىلەن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ئىشىنىمۇ سۆزلەشكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ياردىمى ۋە پائال تىرىشچانلىقى بىلەن پات ئارىدا ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا مۇناسىۋەتلىك خۇشخەۋەر تارقىلىشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەتلەر بەردى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ب د ت ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پاسسىپ ھالەتتە قالغانلىقىنى، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بۇ قېتىمقى بىريۇسسېل زىيارىتىنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي كۈنتەرتىپنى ئىگىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كۈچلەرنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىلا باشلىۋەتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن ئۇ يەنە بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىدە ناۋادا ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغان تەقدىردە بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتكە قەدەر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈنۈگۈن كەچ تەرەپتە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېلگىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلارنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئۈچ مىليون ئۇيغۇرغا ئەركىنلىك» نامايىشىغا سەپەرۋەر قىلغان.