نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى ئىككى ئايدىن بۇيان توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە 21-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئېلىپ بېرىلغان سايلامدىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس ۋە ھەيئەت ئەزالىرى نورۋېگىيەدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشقان. ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش ۋە دىئالوگلار نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان نورۋېگىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيەلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقان.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار تۇنجى بولۇپ كۆرۈشكەن ۋە دوستلۇق ئورناتقان پارتىيە - نورۋېگىيە سوتسىيالىست سولچىللار پارتىيەسى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پارتىيە نورۋېگىيەدە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىۋاتقان ۋە ئۇنى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
نورۋېگىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان پىلانلىرىنىڭ بىر ئىكەن شۇنداقلا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىكى بۇ قېتىملىق سايلامدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن خىزمەت نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر، كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن سەمەت ئابلا ۋە پەرھات ياقۇپلار نورۋېگىيە پارلامېنتىدا سوتسىيالىست سولچىلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى نىكولاس ۋىلكىنسون ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن.
نىكولاس ۋىلكىنسون ئەپەندى بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە ئۆزىنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن بولغان دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە دۇچ كېلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى زۇلۇم ۋە بېسىملار توغرىلىق تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە يېڭى نۆۋەتلىك كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نورۋېگىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇش ئىشىنىڭ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى بولغان پەرھات ياقۇپ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نورۋېگىيەدە ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
0:00 / 0:00