شاخرانى: دۇنيانى بىگۇناھ ئۇيغۇر ئايالىمغا، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا مۇراجىئەت قىلىمەن

0:00 / 0:00

9-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ ئايالى 32 ياشلىق ئامىنە ئاللابەردىنىڭ ئاقسۇدىكى مەلۇم لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە ۋىدېئولۇق گۇۋاھلىقىنى تارقاتقۇچى سائىد ئىبىن ئابوئود شاخرانى ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزاسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلاردا ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن تۇنجى چەتئەللىك ھېسابلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كامېس ماشېد ئابنا شەھىرىدە ئىككى بالىسى ۋە قېينانىسى بىلەن ياشاۋاتقان شاخرانى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئايالى ۋە ئۆزىنىڭ ئايالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر يىلدىن بۇيان قىلغان داۋالىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

شاخرانى ئامىنە بىلەن گۇاڭجۇدا تونۇشۇپ 2010 يىلى 6-ئايدا توي قىلغان ۋە بىر قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان. ئامىنە ئىلگىرى تۇغقانلىرىنى يوقلاپ يۇرتىغا بىر قانچە قېتىم بېرىپ كەلگەن ھەمدە 2016-يىلى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم گۈزەللىك لاھىيەلەش ۋە تەربىيەلەش مەكتىپىگە تىزىملىتىپ بىر قانچە ئاي كەسپىي تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ئەرەبىستاندا بىر گۈزەللىك سالونى ئېچىش تەييارلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك كىنىشكىلىرىنى يېڭىلاش مەقسىتىدە 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتقان. كېيىن ئامىنە تېلېفوندا دائىرىلەر: «ئېرىڭ كەلمىگۈچە كىنىشكىلىرىنىڭ، پاسپورتۇڭنى يېڭىلاپ بەرمەيمىز دەيدۇ، كېلىپ مەن بىلەن گۇاڭجۇدا كۆرۈشكىن» دەپ تەلەپ قىلغان. شاخرانى ئايالىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا ئۇچرىغانلىقىنى پەملەپ گۇاڭجۇغا كەلگەن ۋە ئامىنە بىلەن 24 سائەتلا جىددىي كۆرۈشكەن. ئامىنە ئېرى ئېلىپ كەلگەن توي خەت ۋە باشقا ئىسپاتلارنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا«ھەرگىز شىنجاڭغا بارما» دەپ ئۈرۈمچىگە قايتقان.

ئايالىنىڭ ئىنتايىن سىرلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ ساقچىلارنىڭ كۆزىتىشى ياكى كونتروللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى پەملىگەن شاخرانى دەرھال بېيجىڭدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ۋە بىر ئاي تۇرۇپ ئايالىدىن قايتا ئۇچۇر ئالالمىغانلىقتىن بالىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇ ئايالىنى قۇتقۇزۇشنى توختاتمىغان بولۇپ، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدىن باشقا، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ساقچىخانا، سەئۇدىدىكى ھۆكۈمەت، ئاخبارات ئورۇنلىرى ھەتتا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرىغىچە ئەرز قىلىپ بارغان. ھالبۇكى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى ھەمدە بۇ جايدىكى ئورۇنلار ئۇنىڭغا «بىز بۇ ئىشقا ئارىلىشالمايمىز» دېگەن جاۋابتىن باشقا ئىنكاس قايتۇرماي كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇ: «ئايالىم ئامىنە گۇناھسىز، ئۇنىڭ بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگىمۇ ئىشەنمەيمەن. بىگۇناھ بىر ئانىنى بىر ئايال كىشىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ جاۋابسىز، سەۋەبسىز يوق قىلىۋېتىش چوڭ بىر جىنايەت، چوڭ بىر پاجىئە، ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان نارەسىدە ئىككى پەرزەنتىم ھەققى ئۈچۈن بولسىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ئايالىمغا ئىگە چىقىشى كېرەك ئىدى. مەن ئامالسىز ئەمدى پۈتۈن دۇنياغا بىگۇناھ ئايالىمغا، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنى ئىلتىجا قىلىمەن. مەن ئايالىمدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، بولۇپمۇ بالىلىرىنىڭ ئانىسىنى سېغىنىپ ئازابلىنىشىغا چىدىيالمايۋاتىمەن. . . مەيلى كىمدىن تېلېفون كەلسۇن، تېلېفوننى قولۇمغا ئالغان ھامان 4 ياشلىق ئوغلۇم ئابدۇل ئەزىز، 9 ياشلىق قىزىم ئايىشە ‹ئاپاممىكەن؟› دەپ يۈگۈرۈشۈپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تەلمۈرۈشى ۋە ئۈمىدسىزلىكتىكى ئازابلىرى رەت-رەت تەكرارلىنىدۇ. . . .» دېدى.

ئامىنە ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىپ كەتكىنىدە ئۇنىڭ سەئۇدىدىكى ئۆيىدە ئىككى نەۋرىسىگە قاراپ قالغان ئانىسى ئايشەم مىجىت خانىممۇ كۈيئوغلى بىلەن تەڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزى ئامىنە ۋە ئائىلىسىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.

ئايشەم مىجىت ئاقسۇ شەھىرى خەلق يولىدىكى گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئامىنە ئاللا بەردى بالىلارنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئامىنەنىڭ ئىنىسى 31 ياشلىق ئابدۇرېھىم ئاللابەردى 2017-يىلى 6-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئاكىسى ئابدۇراخمان ئاللا بەردى 34 ياش ئۇمۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى قىزىنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن ئامىنەنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قايتىپ كەلسەڭلار بالىلىرىڭلارنى قويۇپ بېرىمىز دەپ كۈپ قېتىم تەھدىت قىلغاندىن كېيىن، ئامىنەنىڭ دادىسى 62 ئاللاھبەردى ئىبراھىم، بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقىنىچە ئىز-دېرىكى بولماي كەلمەكتە ئىكەن.

بالىلىرى، ئېرى ۋە بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا 84 ياشلىق دادىسىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللاردىن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە تۇرۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن ئايشەم خانىم بالىلىرىدىن بەكرەك نارەسىدە نەۋرىلىرىنىڭ نالىسىدىن يۈرىكى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «بالىلار ئانىسىز بەك روھى سۇنۇۋاتىدۇ، يۈرىكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ بالىلارنىڭ ئازابىغا، 9 ياشلىق قىز نەۋرەم ئايىشە ‹ئانام جەننەتتىمۇ موما، ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەم مەنمۇ جەننەتكە كىرسەم ئانامنى كۆرەلەمدىم؟› دەيدۇ. ئوغۇل نەۋرەم كىچىك بولغىنىغا قارىماي ‹موما مەن ساقچى بولۇپ، ئاقسۇغا بېرىپ ئانامنى قۇتقۇزۇپ كېلىمەن› دەيدۇ» دەپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي يىغلاپ كەتتى.

ئامىنە ھەققىدە ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئانىسىنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋىديوسىنى ئىجتىمائىي تارتقۇلاردىن كۆرگەندىن كېيىن، تۈركىيەدىن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلەشكەن بىر ئايال، ئۆزىنىڭ ئامىنەنى 2016-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىدە گۈزەللىك كەسپىي مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا كۆرگەنلىكى، شۇ ۋاقىتلاردىلا ئامىنەنىڭ ئۆزىگە خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئۇنى ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامىنە خىتاي پاسپورتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقان بولۇپ. ئۇنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى 2017-يىلى 10-ئايدا رەسمىي ئېنىق بولغان. شۇندىن بۇيانقى بىر يىلغا يېقىن مەزگىلدە ئايالىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ توختىمىغان شاخرانى، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىگە قىلغان دەۋاسى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەنلىكتىن خىتاي كونسۇلخانىسىغىمۇ ئەرز قىلغان ۋە ئۇلاردىنمۇ جاۋاب ئالالمىغان. ئاخىرى ئۇ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرمەكچى بولغان، ئەمما بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان قېينانىسى ئايشەم ھاجىم ئۇنى «خىتاي ساڭىمۇ رەھىم قىلمايدۇ، بالىلىرىڭنى ئاتىسىز قويما» دەپ توسۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

لېكىن، ئايشەم خانىم ۋە شاخرانى ئوخشاشلا ئامىنەنى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى خىتاينىڭ لاگېردىن قۇتقۇزمىغۇچە دەۋاسىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.