ئۇيغۇرلار يۇرت ھەسرىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا يىغىلدى

0:00 / 0:00


2013 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، 2013 - يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. كېيىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن مەمەت ئەيسا ھاجىم ئارتىش، ئابدۇلقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلجېلىل تۇران، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوتسېنت ئالىمجان بوغدا. شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجە تۈرك، شەرقىي تۈركىستان مېھرى - شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى يۈسۈپ - يۈسۈپ ئوغلى قاتارلىق مەسئۇللار ئايرىم - ئايرىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

پائالىيەتتە يەنە «ھېيت بولدى بىزلەرگە»، «مۇسۇلمان بىز»، «ھېيت بۈگۈن» دېگەنگە ئوخشاش قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەپ شېئىرلار ئوقۇلدى. 3 سائەت داۋام قىلغان پائالىيەت قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچار ۋە ئىستانبۇلدىكى بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت مۇرات ئورخۇن، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا قەھرىمان ماراش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئالىمجان بوغدا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلكەرىم كۇچار ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ۋەتەن - يۇرت ھەسرىتىنى بىر ئاز بولسىمۇ تۈگىتىشكە، ئۆز - ئارا ئۇچرىشىش ئارقىلىق قېرىنداشلىق مېھرى - مۇھەببەتنى كۈچەيتىشكە، بىرلىك - باراۋەرلىك بولۇش ۋە قۇربان ھېيتنى قېرىنداشلار ئارا ئورتاق ۋە خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.