يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار قاتارىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىمۇ تەشۋىشكە سالماقتا ھەم قاتتىق ئېچىندۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە ئورۇن ئېلىۋاتقان بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇرلار كۆپ ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تامامەن يورۇتۇلمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بەزى مەتبۇئات سەھىپىلىرى پەقەت خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن مەلۇماتلارنى تەكرارلاش بىلەن چەكلىنىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئاخبارات ئىگىلەشتە باشقىمۇ ھەر خىل ئاماللار، يوللاردىن پايدىلانماقتا. ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ئۆتۈۋاتقان نەزىر - چىراقلار، توي - تۆكۈنلەر ئەنە شۇنداق ئاماللاردىن بولۇپ قالدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسى تۇرغۇنى كامال تۇردىيېف ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
