بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچە كىشى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قەيسەرىدىكى 75 - يىل ئاناتولىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە دوكلات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا ئۇچرىغان زۇلۇمىنى ئاڭلاتتى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، 3 نەپەر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇلار ئىلگىرى قانداق بولۇپ سىياسى جىنايەتچى قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، تۈرمىدە ئۇچرىغان تەن جازاسى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ جانلىق مىساللار بىلەن، تەن جازاسى كۆرگەن بەدىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بەرگەن دوكلاتى لېكسىيە ئاڭلىغانلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى.
ئارقىدىن 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قايسەرى تېلېۋىزيەسى بىلەن ئەرجىيەس تېلېۋىزىيەسى ئورتاق تارقاتقان نەق مەيداندىن بەرگەن پروگراممىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ھاجى سابرى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان، بىر سائەتلىك پروگراممىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا كېيىنكى يىللاردا بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مىساللار بىلەن مەلۇمات بەردى.
ئارقىدىن 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى. ئۇلار، كونيا ۋىلايىتىدىن يىغقان ئۇن، ياغ ۋە گۈرۈچ قاتارلىق ياردەم بويۇملىرىنى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بەردى. مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۇلارنى كۆك چۆچۈرىسى ۋە پولو بىلەن مېھمان قىلدى.
بىز بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، قەيسەرىدە 2 كۈندە 3 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتلەردە ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق قەيسەرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، قەيسەرىدە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ رايوندىكى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.