شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان 6 كىشىلىك بىر ھەيئەت مالايسىيانى زىيارەت قىلدى ۋە مالايسىيا دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇپتىسى بىلەن ئۇچراشتى.
بۇ ھەيئەت، مالايسىيا زىيارىتى جەريانىدا مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئىتى زىيارەت جەريانىدا يەنە ھەر خىل رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىدىكەن شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ دوكلات بېرىدىكەن.
ئۇيغۇر ھەيئەت زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كۇئالا لۇمپۇردا مالايسىيا دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچراشقاندىن باشقا يەنە WADAH, GLOBAL PEACE, ABÝM ANJUNG RAHMAH قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۇنغان ۋە ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئاۋسترالىيەدىن مالايسىياغا بارغان دىنىي ئۆلىما ئابدۇسالام ئالىم، مالايسىيا «TV3» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتقان، بولۇپمۇ ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قويغان دىنى جەھەتتىكى چەكلىمىلىرىنى دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار، مۇئاۋىن رەئىسلىرى-سىراجىدىن ئەزىزى، ئاۋسترالىيەدىن ئابدۇسالام ئالىم قاتارلىق 6 كىشى بار.
بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
2018-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنلىرى مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە دۆلەتلىرىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە نەچچە مىڭلىغان خەلق ئاممىسى كوچىلارغا چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ۋە جازا لاگېرلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00