ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيىسى غەلىبە قىلالامدۇ؟ بۇنىڭ ئارقىسىغا يەنە نېمىلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە خىتاي ۋە غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاراشلىرى پەرقلىق.
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئافغانىستانغا كىرىش سەۋەبلىرى ۋە تالىبانلارنىڭ كۈچىيىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى.
غەرب مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلىشىدىن باشقا ئافغانىستاندا، غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ۋە رايون خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيە مەنپەئەتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن تالىبانلارنىڭ كۈچىيىشنى خالىماسلىقى باھانە، دەپ قارىماقتا.
مۇشۇ ئاينىڭ 26 كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى ۋاڭلىيەن خىتاينىڭ تالىبانلارنىڭ قايتا تىرىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىدىكى سەۋەبنى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولۇپ ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇر ئىسلام پارتىزانلىرى ئافغانىستان، پاكىستان چېگراسىدا تالىبانلاردىن ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان. شۇڭا، بېيجىڭ تالىبانلارنىڭ ھەرقانداق بىر غەلىبىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىغا يول ئېچىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ».
بىز كانادا كالتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياۋروپا ۋە ئاسىيا تەتقىقاتچىسى دوكتور روبېرت كاتلېر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ۋاڭنىڭ سۆزىنى ئانالىز قىلىپ، ۋاڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن يامان بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت جەھەتتە دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر گۇرۇپپا ۋە سىياسىي كۈچ بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشتىن باش تارتمايدۇ. ۋاقتى كەلسە ئەگەر خىتاينىڭ ئېھتىياجى تۇغۇلسا تالىبانلار ئافغانىستاندا كۈچلىنىپ قالسا، ئۇلار بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىدا مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما پروفېسسور ۋاڭنىڭ دېگەنلىرى بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدا بىر باغلىنىش يوق.
بىز يەنە ئۇيغۇر سىياسىي مۇتەخەسسىس دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا ئافغانىستانغا كىرىشتىكى سىياسىي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋاسىتە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كابۇلدىكى ئافغان ئىستراتېگىيە ئىزدىنىش ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى داۋىد مېرىدىئان بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ شۇ كۈندىكى ئوخشاش خەۋىرىدە قىلغان سۆزىدە ئېنىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلارنىڭ قايتا كۈچىيىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇنىڭغا قارىتا خىتاينىڭ ھازىر ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە كىمنىڭ كۈچىيىپ كىمنىڭ كۈچەيمەسلىكىگە ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى، يەنى خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ھەر خىل كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قانداق تەڭشەيدىغانلىقىدىن سۆز ئېچىشنىڭ بالدۇر ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئافغانىستاندا كەلگۈسىدە قانداق بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كېلىدىغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەتبۇئات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئافغانىستاندا بىر مىليارد دوللارلىق ئېچىلمىغان بايلىقلارغا كۆز تىكىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئافغانىستاندىن مىس ۋە كۆمۈر شۇنداقلا ئاتوم ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان لىتىينى خىتايغا توشۇش ئۈچۈن ئالدىرىماقتا.
دوكتور روبېرت، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: خىتاي تالىبانلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ قالغان بىرنەچچە ئۇيغۇرنى باھانە قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچلىرىنى «تېررورىست» قىلىپ كۆرسىتىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى. شۇڭا پروفېسسور ۋاڭلىيەننىڭ دېگەنلىرى ئاساسىي سەۋەب ئەمەس. خىتاينىڭ كۆزى ھەممىدىن بەكرەك ئافغانىستاننىڭ بايلىقىدا.
چۈنكى خىتاي ئۈچۈن ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ئارىسىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارلا ئەمەس بەلكى پاسپورتسىز ئىش ياكى ئەركىنلىك ئىزدەپ باشقا ھەرقانداق قوشنا دۆلەتكە بېرىپ قالغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر «تېررورچى» ھېسابلىنىپ جازالىنىۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى كابۇل ھۆكۈمىتى بىلەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى قوشۇنلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئافغانىستاندىكى تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمنى تۈزگەن بولۇپ، كابۇل ھۆكۈمىتىگە 300 نەپەر ساقچى تەربىيىلەپ بەرمەكچى بولغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي گەرچە ئافغانىستاندىن ئالىدىغان كۆپ مىقداردىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە باشقا سىياسىي ئىستراتېگىيە مەنپەئەتلىرىگە قىزىقىۋاتقان ۋە بۇ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كابۇل ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئافغانىستانغا كىرەلىشىنىڭ ئۈنچىلا ئاسان بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.