فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

18-ئاپرېل فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى 5-قانىلىنىڭ خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى سۆھبەت پروگراممىسىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.

5-قانالدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت پروگراممىسىغا فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە دائىر سورالغان بەزى سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن.

فىرانسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسىدا يەنە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە دائىر سىنئالغۇدىن قىسمەن ئارىيەلەر كۆرسىتىلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئىزچىل قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلامدۇ ياكى باراۋەرلىك؟» دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر پروگرامما شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:15 ئۆتكەندە نەق مەيداندىن تارقىتىلىشقا باشلىغان.

بىز مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.