تۈركىيەنىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان ۋان شەھىرىدىكى «يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا «21-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىغا ئىستراتېگىيىلىك نەزەر» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەزەربەيجان، مىسىر، ئىراق، ھىندىستان، سۈرىيە، ئىسپانىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى قاتارلىق 24 دۆلەتتىن 49، تۈركىيەدىن 59 ئىلمىي خادىم بولۇپ، جەمئىي 108 كىشى ئىشتىراك قىلدى ۋە ئىلمىي دوكلاتىنى سۇندى.
مەزكۇر يىغىندا ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، ھازىرقى ۋەزىيەت، دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەم بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرى قاتارلىق تېمىلاردا دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى شۇنداقلا بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. 10-مايدىن 14-ماي كۈنىگىچە داۋاملاشقان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي، ۋان ۋالىسى ۋە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان پروفېسسور دوكتور ھۈسەيىن قاراداغ ئەپەندىلەر سۆزلىگەن سۆزلىرىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى چېگرا رايونلىرىدىن بىرى بولغان ۋاندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
«21-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىغا ئىستراتېگىيەلىك نەزەر» تېمىسىدىكى يىغىندا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باش كاتىپى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدىكى ئۆز تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن ئاخىرىدا ئورتاق تەكلىپ قارارى ماقۇللاندى. يىغىننىڭ خۇلاسە قارارىغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر ماددا كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەر مىللەت ۋە شەخسنىڭ ئەقەللىي ھەققىدۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمىي خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ دىنىي ئېتىقاد ۋە باشقا ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك».
يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ۋان يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ھۈسەيىن قاراداغ ئەپەندى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:«ئىسلام دۇنياسى بۈگۈن تارىختىكى ئەڭ قىيىن قاراڭغۇلۇق دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇلارغا بىز گۇۋاھچى بولۇۋاتىمىز. بىزنىڭ بۇ يىغىننى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بۇ مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇش ئىدى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مۇتەخەسسىسلەر مەسىلىلەرنى ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يىغىندا ناھايىتى ياخشى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىن بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بۇ رايوندا تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى كۆپ جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇپ تەھلىل قىلدۇق.»
ھۈسەيىن قاراداغ ئەپەندى يىغىننىڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنغان تەكلىپ قارارىغا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكى»نى، بۇنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:«ھازىر شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسىلىلەردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر. يىغىن ئاخىرىدا ئورتاق بىر قارار ماقۇللاندى. بۇ قارار ئاخبارات ئارقىلىق جامائەتكە بىلدۈرۈلىدۇ. بۇلاردىن سىرت مەزكۇر قارار ئىنگلىز، ئەرەب ۋە رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتىلىدۇ.»
10-14 ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ ۋان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «21-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىغا ئىستراتېگىيەلىك نەزەر» تېمىسىدىكى يىغىندا ئىلمىي دوكلات سۇنغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا بىزنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىشىمىز، يىغىننىڭ خۇلاسە قارارىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشتە پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئالدىمىزدىكى يىللاردا خىتايدا مەيدانغا كېلىدىغان بەزى ھەرىكەتلەرنىڭ مەركىزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان بولىدىغانلىقى»نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى كۆرمەكتىمەن، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللاردا خىتايدا مەيدانغا كېلىدىغان ھادىسىلەرنىڭ مەركىزى شەرقىي تۈركىستان بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى خىتاينىڭ مۇقىملىقى، تۈرك دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇقىملىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە باغلىق. خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا ئېچىلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى شەرت. مەن دوكلاتىمدىمۇ بۇلارنى بايان قىلدىم. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بىلەن خىتاي ئۆز مەنپەئەتىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ، ئىسلام دۇنياسى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ تىنچلىقىنىمۇ بۇزىدۇ دەپ ئويلايمەن».
تۈركىيەنىڭ ۋان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «21-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىغا ئىستراتېگىيەلىك نەزەر» ناملىق يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ دىنى سىياسىتى توغرىسىدا ئىككى ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ماقالىدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 39-ماددىسىدا خىتاي خەلقىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.