ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك خەلقىنىڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلىنىشقا باشلىدىمۇ؟

0:00 / 0:00

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس رامزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت، سىنجان رايونلىرىدىكى ئېلان تاختىلىرىغا رەڭلىك ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىك چوڭ قەغەزنىڭ ئۈستىگە، «ھەي مۇسۇلمانلار، ھەي ئىسلام دۇنياسى، ھەي تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار يوق قىلىنىۋاتىدۇ»، «ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇمايلى» دېگەندەك سۆزلەرنى يېزىپ چاپلىغان.

ھازىر رامازان ئېيىدىكى ئىپتار زىياپەتلىرىدىن كېيىنكى دۇئالاردىمۇ ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنماقتا، بۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرمەكتە. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىگە ئايلىنىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بەزىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىز بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازاتجان بۇغرالار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.