ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.10.16
Nikki-Kelly-John-Kelly.jpg ئامېرىكىنىڭ ب د ت باش ئەلچىسى نىككى خېيلى خانىم ئاق ساراينىڭ مۈلكىي ئەمەلدارى جون كېللىي ئەپەندى بىلەن يىغىندا. 2017-يىلى 18-سېنتەبىر.
AP

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى نىككى خېيلى خانىم دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان «مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى يىغىنى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن. فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر يىغىن، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان يىغىن بولۇپ، نىككى خېيلى يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «بۇ ھازىرقى دۇنيادا كۆرۈلگەن ئەڭ زور كۆلەملىك ئىنسانلارنى يىغىپ قاماش ھەرىكىتىدۇر. ئۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ زور بىر قېتىملىقى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. نىككى خېيلى ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشى قامالغان بۇ لاگېرلاردا قىيىن-قىستاق بارلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆز دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كومپارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاسىيا -تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئەگە مەسئۇل ئەمەلدارلىرى بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئورتاق خەۋپسىزلىك رىقابەتلىرى ۋە ھەمكارلىشىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلغان بىر يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نىككى خېيلى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلە بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر مەسىلىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر شەرھلەنگەندە كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ 4- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى نۇتقىدۇر. مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس نۇتقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي-سىياسىي پائالىيەتلىرى، تېخنىكا جاسۇسلۇقى، ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەمدى خىتاينى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ بۇ نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگىمۇ مەخسۇس ئورۇن بەرگەن. مەزكۇر نۇتۇقتىن كېيىن «ۋول سترېت ژۇرنىلى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق نۇرغۇن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە مايك پەنسنىڭ بۇ نۇتقى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا «سوغۇق ئۇرۇش» باشلىغانلىقىنىڭ غەيرىي رەسمىي يوسۇندىكى جاكارلىنىشى، دەپ تەھلىل قىلىنغان.

قىزىقارلىقى، مايك پەنس ئەپەندىنىڭ «سوغۇق ئۇرۇش» ئېلانى دەپ باھالىنىۋاتقان نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئورۇن ئالغان بولسا، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر تارىختا ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى، «تىبەتكە كىرىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى يازغۇچى توماس لىيردنىڭ كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، 1945-1949- يىللىرى ئەتراپىدا ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبا سىناقلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ ئىزدىنىشلەردە بولغان، بۇ جەرياندا ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى دوگلاس ماككېرنان ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بارغان ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم سىنىقىغا ئائىت ھەرىكىتىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىرىنى كۆزەتكەن ئىدى. ئۇلار ئوسمان باتۇر ۋە باشقا ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇران قېزىش پائالىيەتلىرىگە قىزىقىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

«تىبەتكە كىرىش» ناملىق كىتابنىڭ شۇ قىسمىدا تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «1947-يىلى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە گېنېرالى ھېگىنبېرگېر خىتاينىڭ غەربىدە ئاتوم بومبىسى پارتلىشىنى ئۆلچەيدىغان ئۈسكۈنە جايلاشتۇرىدىغان ئورۇن ئىزدەشنى باشلىغاندا ئۇ ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى ئېنىق بىلەتتى. ئۇ بولسىمۇ-ئۈرۈمچى. گەرچە ئۇ دۇنيادىكى ئانچە مۇھىم بولمىغان بىر قارارگاھتەك كۆرۈنسىمۇ ۋە ھەقىقەتەن ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ تاشلىنىپ قالغان قارارگاھى بولسىمۇ-بىراق ماككېرنان ۋە ھېگىنبېرگېرلار ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش تۇغۇلغان يەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم بىر تېمىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش باشلانغان تەقدىردىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق تېما بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.