2-، 3-نويابىر كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چاقىرىلغان «تۈرك-ئەرەب مۇناسىۋىتى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئائىلە ۋە خانىم-قىزلار مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەنسەر ۋەقپىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئەرەب خەلىپىلىكى، مىسىر، سۈرىيە، تۇنىس، پەلەستىن ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن 150 ئەتراپىدا ئايال قاتناشقان. ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ خەلقئارالىق يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئاخباراتنىڭ مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىغا ۋە ياش ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆرۈنۈشلەر بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ دوكلات بەرگەن. ئۇنىڭ بەرگەن دوكلاتى ھەرقايسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. شائىرە نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ نۈرئەلا گۆكتۈرك خانىمدىن يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.