جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئەرەب دۆلەتلىرىدىن چىققان تۇنجى ئاۋاز

0:00 / 0:00

كۇۋەيت پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى دىققەت قوزغىدى.

2018-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، ب د ت ۋە گېرمانىيە باشتا بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئاۋسترالىيە قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى ھەر تۈرلۈك ئىپادىلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى. ياۋروپا پارلامېنتى بۇ ھەقتە 15 ماددىلىق قارار لايىھەسى قوبۇل قىلدى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە قانۇن لايىھەسى سۇندى. ھالبۇكى، دۆلەت سۈپىتىدە ھېچ بىر ئەرەب ياكى تۈرك ۋە ياكى باشقا ئىسلام ئەللىرىدىن رەسمىي شەكىلدە بىر ئىنكاس چىقمىغان ئىدى. كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇسامە شاھىننىڭ 1-يانۋار كۈنى كۇۋەيت پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇسامە شاھىن پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە ئالدىنقى كۈنلىرى خوتەن قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەن بىر ئۇيغۇر نارىسىدەنىڭ رەسىمىنى ھەمدە جازا لاگېرلىرىغا ئائىت رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر كۈلپەتلىرىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى مىڭ يىللار ئىلگىرىلا قوبۇل قىلغان مۇسۇلمان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەسمىي دوكلاتىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قولۇڭلار بىلەن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭلار تىلىڭلار بىلەن، ئۇنىمۇ قىلالمىساڭلار دىلىڭلاردا قارشى تۇرۇڭلار» دېگەن ھەدىسىنىڭ روھىغا بىنائەن كۇۋەيتنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا ئىنكاس بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇسامە شاھىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن كېيىن، 2-قېتىم بۇنداق لاگېرلار مەۋجۇت بولمايدۇ دېيىلگەن بۇ دۇنيادا، ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە جازا لاگېرلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ لاگېرلاردا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئىنسانلىق جىنايىتى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ھەمدە بارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، «سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيلىقنىمۇ نەزەرگە ئېلىش لازىم، بۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتىدۇ،» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى 28-دېكابىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا ئەرەب، تۈرك ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭ «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلامغا قارشى جىنايەتلەرگە ھەمدە جازا لاگېرلىرىدىكى زۇلۇملارغا ۋىجدانسىزلارچە سۈكۈت قىلىۋاتقان» لىقىنى تەنقىد قىلىپ ئۆتكەن ئىدى.

كۇۋەيت پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا، بەلكى ئىسلام ئەللىرىدە بارلىققا كەلگەن تۇنجى ئىجابىي بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرىغا قارىتا ئۇزۇندىن بۇيان سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان تۇشمۇتۇشتىن قوزغىلىشقا باشلىغانلىقىنى، 2019-يىلىدا بۇ خىل قوزغىلىشنىڭ ئەۋجىگە چىقىش مۇمكىنچىلىكى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توتالغاندا «ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدە بىر ئويغىنىش بارلىققا كەلمەكتە،» دېدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى د ئۇ ق نىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان تەشۋىقاتى زور دەرىجىدە كۈچىيىدىكەن. ئۇ سۆزىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنى «دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى» نى بازارغا سېلىپ ئالداپ كەلگەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى، ئەرەب ئەللىرىدە پات ئارىدا خىتايغا قارشى بىر ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ۋە د ئۇ ق نىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.