ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

18-ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىگە بېرىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىچكى يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان.

18-ئىيۇندىكى ئىچكى يىغىنغا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدىكى رەئىسى لۇدۋېگ ھېرمان رىياسەتچىلىك قىلغان. باۋارىيە پارلامېنتى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان.
ئەسقەرجان ئەپەندى يىغىن جەريانىدا پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئىلگىرى باۋارىيە پارلامېنتى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولغان، ھازىر گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان مارگارېتتا باۋزى خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مارگارېتتا باۋزى خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىگە ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىم سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. پارلامېنتقا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ ئەھۋاللىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بىز تۈرلۈك ھەقلىرى تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە بۇ يولدا قولىمىزدىن كەلگەن خىزمەتلەرنى قىلىمىز.»
مەلۇم بولغىنىدەك، مارگارېتتا باۋزى خانىم گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قانچە قېتىملىغان نامايىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلىرى، قۇرۇلتايلىرىغىمۇ تولۇق قاتنىشىپ كەلگەن. «ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق دوستى» دەپ تەرىپلىنىدىغان مارگارېتتا باۋزى خانىمنىڭ 2017-يىلىدىن تارتىپ گېرمانىيە پارلامېنتىغا كىرگەنلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ پارلامېنتتىن ئورۇن ئېلىشىغا نىسبەتەن بىر ئۈمىد پەيدا قىلغان.
ئەسقەرجان ئەپەندى يېقىندا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ياۋروپادىكى سىياسىي ئىشلار ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى بۇ ھەقتە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.
ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 18-ئىيۇن گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىچكى يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى، غەرب ئەللىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسى، بۇ جازا لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىۋاتقان، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.
18-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز نامىدا گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بىر مەكتۇپ يوللىغان بولۇپ، ئۇ مەكتۇبىدا تۆۋەندىكى ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن:
«شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جازا لاگېرلىرىدا قايتا تەربىيىلەش نامىدا مېڭىسى يۇيۇلۇۋاتقان، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىدىن، دىنىي ئېتىقادىدىن، مەدەنىيىتىدىن ۋە كىشىلىك ئىززەت-غۇرۇرىدىن مەجبۇرى مەھرۇم قىلىنىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈنۈم بېرەلەيدىغان تەرزدە بېسىم ئىشلىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈمىد كۈتۈۋاتقان غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بارغانسېرى قەبىھلىشىشىگە پۇرسەت ياراتماقتا. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نورمال ئىنسانىي ھايات كۆچۈرۈش ئىستەكلىرىنى بەربات قىلماقتا. ‹ساقچى دۆلىتى› دەپ ئاتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيادا مىسالى تېپىلمايدىغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرماقتا ۋە بۇ تۈرمىدە گۇناھسىز مىليونلىغان ئىنسان ئېغىر خارلانماقتا، ئۆلتۈرۈلمەكتە، تېخىمۇ پاجىئەلىك تەقدىرگە دۇچار بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دەرھال ئىنكاس بىلدۈرىدىغان دەل پەيتىدۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. . .»