لاگېرلار مەسىلىسى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا مۇھىم تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.07.27
lager-yepiq-terbiyelesh-saqchi.jpg مەلۇم «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئالدىدا پوس تۇرۇۋاتقان خىتاي ساقچى.
BBC

يېقىندا تىراژى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان گېرمانىيەدىكى «ئەينەك» ژۇرنىلى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدە گېرمان تىللىق ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمات بەردى.

«خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى قاتتىق نازارەت سىستېمىسى دۇنيادا ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالە گېرمان مۇخبىرى بېرنھارد تەرىپىدىن يېزىلغان. مەزكۇر ماقالىغا: «بېيجىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت-ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى ئۇسۇلدا كونترول قىلماقتا. جازا لاگېرلىرىدا 10 مىڭلىغان ئۇيغۇرلار غايىب بولماقتا. تەھلىكىلىك بىر رايونغا قىلىنغان زىيارەت» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان.


ماقالە سۈكۈتكە پاتقان قەشقەر شەھىرىنىڭ چۆلدەرەپ قالغان قىياپىتىنى تەسۋىرلەش بىلەن باشلىنىدۇ: «خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى قەشقەر شەھىرى كىشىگە ئۇرۇشتىن كېيىنكى باغدات شەھىرىنى ئەسلىتىدۇ. شەھەر كوچىلىرىدا چارلاش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان برونېۋىكلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى ھەرۋاقىت ياڭراپ تۇرىدۇ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كىشىنى بىزار قىلغۇچى شاۋقۇنلىرى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ تۇرىدۇ. تارقاق جايلاشقان، ئاز ساندىكى يولۇچىلار چۈشكەن مېھمانخانىلار ئانچە دىققەتنى چېكىپ كەتمەيدۇ. پولات قالپاق ۋە قوغدىنىش كىيىملىرى بىلەن قوراللانغان ساقچىلار بىلەن تولغان چارلاش بوتكىلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ساقچىلار سىزىقتىن چىقىپ كەتكەنلەرگە ۋارقىراپ تۇرىدۇ…» ماقالە ئاپتورى يۇقىرىقى بايانلار بىلەن يازمىسىنىڭ سۆز بېشىنى باشلايدۇ.

مۇئەللىپ بېرنھارد بۇ شەھەردىكى جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە يەنە تۆۋەندىكى بايانلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ: «بۇ شەھەرنى سۈكۈت باسقان ئىدى. جۈمە كۈنى بولۇشىغا قارىماي بۇ شەھەردە مەزىننىڭ ئەرزان توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. مەشھۇر ھېيتگاھ جامەسى ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتتىن بىر ئاسارە-ئەتىقە مۇزېيىغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. مەسچىت ئالدىكى مەيدان بوش. كامېرالار كىشىلەرنى كۆزىتىپ تۇراتتى. پۇقراچە كىيىنگەن خەۋپسىزلىك خادىملىرى ھەر يەردە پايلاپ يۈرۈشەتتى. گويا ئىنسانلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندەك ئىز قوغلاپ چىراي كۆزىتەتتى.» ئاپتور يۇقىرىقى تەسۋىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئېغىر سىياسىي تەقىب ۋە جازا لاگېرلىرى تۈپەيلى ئادەمسىز، ئاۋازسىز ۋە ھايات شاۋقۇنلىرىدىن خالى بىر ھالەتكە مەھكۇم قىلىنغان بۇ دىيارنىڭ دەردىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

يېقىندىن بۇيان گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت خەۋەر-ماقالىلار ئارقا-ئارقىدىن يورۇق كۆرمەكتە. 17-ئىيۇل گېرمانىيە «كۈندىلىك گېزىتى» دە «ئۇيغۇرلاردىن كېيىن، نۆۋەت قازاقلارغا كەلدىمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ، «تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئېغىر بېسىملارغا دۇچار بولماقتا» دەپ كۆرسىتىلدى. 18-ئىيۇل يەنە گېرمانىيەدىكى تەسىرى زور بولغان «بلۇۋىن» تورى قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئېتنىك باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» بايان قىلىندى. گېرمانىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «زامان گېزىتى» 18-ئىيۇل ئۆزىنىڭ تور تېلېۋىزىيەسىدە پروگرامما تارقىتىپ، 16-ئىيۇل ئالمۇتادا سوتى بولغان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ خىتاي يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سايراگۈل ساۋۇتباي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا خىزمەت قىلغان قازاق ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ سوتتا قىلغان گۇۋاھلىقىدىن كېيىن گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يەنىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغاشقا باشلىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش يولىدا تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيەدە كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئويناۋاتقان رولى چوڭ بولماقتا ئىكەن. 

لاگېرلار مەسىلىسى بۇ يىل ئىيۇندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا د ئۇ ق خادىملىرى تەرىپىدىن 3 قېتىم تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدىكى ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا» ناملىق يىغىندىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇ يىغىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ھەمدە ئامېرىكىدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سوفى رىچاردسونلار گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. 

ھەممىدىن دىققەتنى تارتىدىغىنى، 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىندا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، شۋېتسارىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇشى بولدى. بولۇپمۇ بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەل قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دىققەت قوزغىدى. 

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى توغرىسىدا توختالغاندا، د ئۇ ق نىڭ بۇ ساھەدە قىلغان خىزمەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. 
نۆۋەتتە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە دىققەت قوزغاۋاتقان بىر تېما بولماقتا ۋە ئامېرىكا باشلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تىلى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.